Uyghur主要词典
دېڭىز بوغۇزىدىكى مۇستەملىكىلەر
领域: دۇنيا تارىخىئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇستەملىكلىرى. 1786- يىلى ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى كېتا سۇلتانلىقىدىن پىناڭنى ئىشغال قىلىۋالغان (1791-يىلى رەسمىي بۆلۈۋالغان)، 1800-يىلى يەنە ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى كېتا دېڭىز قىرغىقىدىن نۇرغۇن يەرنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنى ۋېللېسلېي ئۆلكىسى دەپ ئاتىغان. 1805-يىلى پىناڭ (جۈملىدىن ۋېللېسلېي ئۆلكىسى) شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ تۆتىنچى چوڭ باشقۇرۇش رايونى قىلىنغان. 1824-يىلى شەرقىي ھىندىستان شىركىتى يەنە سىنگاپور بىلەن مالاككاغا ئىگە بولۇۋالغان، 1826-يىلى ئۇنى پىناڭ باشقۇرۇش رايونى بىلەن قوشۇپ دېڭىز بوغۇزى مۇستەملىكىسى قىلىۋالغان. 1830-يىلى دېڭىز بوغۇزى مۇستەملىكىسى بېنگال باش ۋالىيىسى باشقۇرۇشىدىكى ئەمەلدار قويۇپ باشقۇرىدىغان رايون قىلىنغان، 1851-يىلى ئەنگلىيە - ھىندىستان باش ۋالىيسىغا قارايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1867-ئەنگلىيە خان جەمەتى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغان مۇستەملىكە قىلىنغان. پايتەختى ئەسلىدە پىناڭدا بولغان. 1832-يىلى سىنگاپورغا كۆچۈرۈلگەن، ئۇنى باش ۋالىي باشقۇرغان ئۇنىڭ قول ئاستىدا مەمۇرىي يىغىن ۋە قانۇن تۈزۈش يىغىنى تەسىس قىلىنغان؛ باش ۋالىي قوشۇمچە باش قوماندان بولغان ھەمدە پۈتكۈل ئەنگلىيە ئىشلىرى رەھبەرلىكىدە بولغان. كېيىن كوكوس تاقىم ئارىلى، خرىستاس ئارىلى، لابوئان ئارىلىنى قوشۇۋالغان. ئىككىچنى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئىشغال قىلىۋالغان. 1946-يىلى پارچىلانغان. سىنگاپور ئۆز ئالدىغا ئەنگلىەي پادىشاھلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق مۇستەملىكە بولغان. 1963-يىلى مالاياغا تەۋە بولغان. 1965-يىلى مۇستەقىل بولۇپ قالغان؛ لابۇئان ئارىلى شىمالىي بورنېئو شتاتى (ھازىرقى ساباھ) غا تەۋە بولغان. كوكوس تاقىم ئارىلى ۋە خرىستان ئارىلى ئىلگىرى - كېىن بولۇپ ئاۋسترالىيىگە تەۋە بولغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。