Uyghur主要词典
دېڭىز بوغۇزى
يەر يۈزى قىياپىتى
دېڭىز بوغۇزى دېڭىز - ئوكيانلاردىكى ئىككى قوشنا دېڭىز رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تار سۇ يولىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئارىلىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تەيۋەن بوغۇزى؛ ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىرىڭ بوغۇزى. موزامبىك بوغۇزى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز بوغۇزى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى1670 كىلومېتىر كېلىدۇ. نەنخەي دېڭىزى بىلەن ئاندامان دېڭىزىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مالاككا بوغۇزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى1080 كىلومېتىر كېلىدۇ.
دېڭىز بوغۇزى يەر پوستى ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن. يەر پوستى ھەرىكەت قىلغان ۋاقىتتا، دېڭىز - ئوكيانلارغا يېقىن بولغان قۇرۇقلۇقلار ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئاستىغا چۆكىدۇ - دە، ئولتۇرۇشقان چوڭقۇر جىلغا شەكىللىنىدۇ، نەتىجىدە ئۇ يەرگە دېڭىز سۈيى بېسىپ كىرىپ، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى، شۇنىڭدەك ئۆزئارا قوشنا ئىككى چوڭ قۇرۇقلۇقنى ئايرىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دېڭىز بوغۇزى شەكىللىنىدۇ.
دېڭىز بوغۇزىدىكى سۇ ئېقىمى شىددەتلىك ئاقىدىغانلىقى ئۈچۈن، سۇنىڭ ئۈستى قەۋىتى بىلەن ئاستى قەۋىتىنىڭ تېمپېراتۇرىسى، تۇزلۇقلۇقى، سۇنىڭ رەڭگى ۋە سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. دېڭىز تېگى كۆپىنچە تاغ جىنسلىرى ۋە قۇم شېغىلدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇششاق چۆكۈندى ماددىلار يوق دېيەرلىك.
دېڭىز بوغۇزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئالاھىدە مۇھىم بولۇپ، قاتناش مۇھىم يولى ۋە دېڭىز ترانسپورت تۈگۈنى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تارىختىن بۇيان مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاي بولۇپ كەلمەكتە. شۇڭا، كىشىلەر ئۇلارنى دائىم «دېڭىزدىكى كارىدور»، «ئالتۇندەك سۇ يولى» دەپ ئاتىشىدۇ.