Uyghur主要词典
دىئالىزلىنىش
بىئولوگىيە
ئېرىتمىنىڭ ئىئون كۈچىنىشچانلىقى ئېشىپ (ياكى تۆۋەنلەپ) بەلگىلىك قىممەتكە كەلگەن ۋاقتىدا ئاقسىللارنىڭ ئېرىش دەرىجىسى تاكى ئېرىتمىدىن ئاجرىلىپ چىققۇچە تۆۋەنلەشكە يۈزلىنىدۇ. بۇ <دىئالىزلىنىش> رولى دەپ ئاتىلىدۇ. تۇزدا ئېرىگەن ھالەتتىكى شارچە ئاقسىللارنى دىئالىزلاپ تۇز ئىئونلىرى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئاقسىل مولېكۇلىلىرىنىڭ ئارىلىقلىرىدىكى ئۆز ئارا تارتىشىشى كۈچىيىپ، ئۇيۇشۇپ چۆكۈپ قالىدۇ. يەنە بىر خىل ئەھۋال شۇكى، كۆپ مىقداردا نېيترال تۇز قوشۇلغانلىقتىن، ئەسلىدىكى ئېرىتمىدە ئەركىن ھالەتتە تۇرغان سۇ مولېكۇلىلىرى تۇزنى ئىئونلاشتۇرىدىغان سۇ مولېكۇلىلىرىغا ئايلىنىپ سۇنىڭ ئاكتىپلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ - دە، ئاقسىللاردىكى قۇتۇپلۇق گۇرۇپپىلار بىلەن سۇ مولېكۇلىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا تەسىر قىلىش كۈچى ئاجىزلاش بىلەن ئاقسىل مولېكۇلىلىرى ئارىلىقىدىكى تارتىشىش كۈچى ئاشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يىغىلىپ چۆكۈپ قالىدۇ.