Uyghur主要词典
دىئالېكتىكا ۋە مېتافىزىكا
پەلسەپە ۋە ئاڭ بىلىملىرى
دىئالېكتىكا بىلەن مېتافىزىكا پەلسەپىدىكى قارىمۇ قارشى ئىككى تەلىمات.
دىئالېكتىكىنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىدۇ، ئۆزگىرىدۇ، مۇتلەق تۇرغۇن، مەڭگۈ ئۆزگەرمەس نەرسە يوق. كىشىلەرنىڭ ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ ھەرىكەتلەنمەيدىغىنى، ئۆزگەرمەيدىغىنى، تەرەققىي قىلمايدىغىنى يوق. مەسىلەن، ئادەم يېڭىدىن تۇغۇلۇپ، قېرىلىرى ئۆلۈپ تۇرىدۇ، گۈل - گىياھلار ئۈنۈپ - قۇرۇپ تۇرىدۇ، ئىنسانلار جەمئىيىتى ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن ھازىرقى جەمئىيەتكە تەرەققىي قىلغان.
مېتافىزىكىنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى يەككە - يېگانە بولىدۇ ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆزگەردى دېگەندىمۇ، پەقەت سانىنىڭ كۆپىيىش - ئازىيىشى، ئورنىنىڭ يۆتكىلىشىدىنلا ئىبارەت. مېتافىزىكىنىڭ نۇقتىئىنەزىرى بويىچە، ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس. مېتافىزىكىنىڭ بۇ بولمىسا ئۇ بولىدۇ دەيدىغان يەنە بىر ئەقىدىسى بار. ئۇنىڭ قارىشىچە، دۇنيادىكى شەيئىلەر يا ياخشى، ياكى ناچار؛ يا سولدا، ياكى ئوڭدا؛ يا ئۆسۈملۈك، ياكى ھايۋان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ياخشىمۇ - يامانمۇ ئەمەس، ئوڭدىمۇ - سولدىمۇ ئەمەس، ئۆسۈملۈكمۇ - ھايۋانمۇ ئەمەس ھادىسىلەر ئوبيېكتىپ مەۋجۇت. مېتافىزىكا ئادەمنىڭ بىلىشىنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ، بىر تەرەپلىمىلەشتۈرۈپ، قاتۇرۇپ قويۇپ، دۇنيانى توغرا، ئەتراپلىق، مۇكەممەل بىلەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。