Uyghur主要词典
دىئافراگما
بىئولوگىيە
<ئايرىغۇچى مۇسكۇل>، <كېرىگەت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئاساسلىق نەپەسلىنىش مۇسكۇلى. ئۇ كۆكرەك بوشلۇقى بىلەن قورساق بوشلۇقى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، يۇمىلاق ئۈگرە شەكلىدە بولىدۇ. چوققا قىسمى كۆكرەك بوشلۇقىغا تومپايغان، مۇسكۇل تالالىرى بولسا، يۇمىلاق چوققىسىنىڭ ئەتراپىدىن مەركەزگە قاراپ يىغىلىپ مەركىزىي سىڭىرنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ. كېرىگەت قىسقارغاندا بولسا، كۆكرەك بوشلۇقى كېڭىيىپ ھاۋا سۈمۈرۈشكە ياردەملىشىدۇ. كېرىگەت بوشاشقاندا كۆكرەك بوشلۇقى كىچىكلەپ ھاۋا چىقىرىشقا ياردەملىشىدۇ. كېرىگەت بىلەن قورساق مۇسكۇلى بىللە قىسقارغاندا قورساق بېسىمىنى ئاشۇرۇپ تەرەت قىلىش ۋە تۇغۇش قاتارلىقلارغا ھەمكارلىشىدۇ. دىئافراگمىدا (كېرىگەتتە) بىرقانچە يېرىقچە - تۆشۈكلەر بولۇپ، بەزى تۈزۈلۈشلەرنىڭ كۆكرەك - قورساق ئارىلىقىدىكى ئۆتۈش يولى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭراق تۆشۈك ئۈچ بولۇپ، ئائورتا، قىزىلئۆڭگەچ ھەم تۆۋەندىكى بوشلۇق ۋېنالىرى ئۆتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
>ئانات< كېرىگەت.
>كىنو< فوتو ئاپپارات ۋە باشقا ئوپتىكا ئەسۋابلىرىدىكى نۇرنىڭ ئۆتۈشىنى كېمەيتىدىغان ياكى كۆپەيتىدىغان پەردە.