Uyghur主要词典
دېشۇ ئوردىسى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى خان ئوردىسى. چىڭيون ئوردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سېئۇلدا. ئەسلى چىڭزۇڭنىڭ يۇەن يۆشەندىكى خۇسۇسىي قەسىرى. ھازىرقى قۇرۇلۇشلار لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياۋروپا مەدەنىيىتى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن تاش بىلەن ياسالغان ئوردا بولۇپ، بۇ، چاۋشيەندە ئەڭ بالدۇر سېلىنغان ياۋروپاچە ئوردا قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. 1907-يىلى گاۋزۇڭ خان تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغاندىن تا ۋاپات بولغىچە مۇشۇ ئورىدا تۇرغاچقا، دېشۇ ئوردىسىدىكى لى تەيۋاڭ دەپ ئاتالغان. 1934-يىلى باغچە قىلىپ ئېچىلغان.