Uyghur主要词典
دېففېرېنسئاللىغۇچى تورمۇزلىنىش
پسىخولوگىيە
بۇ ئىچكى تورمۇزلىنىشىنڭ بىر خىلى. سېكۇنتىغا 1000 قېتىم تەۋرەنگەن تاۋۇشقا قارىتا شۆلگەي ئاجرىتىش شەرتلىك رېفلېكىسى شەكىللەنگەن ئىت سېكۇنتىغا 900 قېتىم ياكى1100 قېتىم تەۋرەنگەن تاۋۇشقىمۇ شۆلگەي ئاجرىتىشى مۇمكىن. مانا بۇ كېڭىيىپ كېتىش ھادسىسىدۇر. كېڭىيىپ كېتىش ھايۋانلارنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتقا توغرا ئىنكاس بىلدۇرۇشىگە پايدىسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن دېففېرېنسئاللىنىشنىڭ شەكللىنىشى زۆرۈر. بۇنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى پەقەت شەرتلىك غىدىقلىغۇچ بىلەن غىدىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاپ كېتىدىغان غىدىقلىغۇچ بىلەن غىدىقلاشنى كۈچەيتمەسلىك بولۇپ، بۇ ئۇسۇل بىلەن مەشىق قىلش تەكرارلانغاندىن كېيىن، ھايۋانلاردا پەقەت شەرتلىك غىدىقلىغۇچقا شۆلگەي ئاجرىتىپ چىقىرىش رېئاكسىيىسى پەيدا بولۇپ، ئوخشاپ كېتىدىغان غىدىقلىغۇچىغا شۆلگەي چىقارمايدىغان بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە «دېففېرېنسىيىلىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، شەرتلىك غىدىقلىغۇچ پەيدا قىلغىنى مۇسبەت شەرتلىك رېفلېكس، ئوخشاپ كەتكەن غىدىقلىغۇچ پەيدا قىلغىنى مەنپىي شەرتلىك رېفلېكس ھېسابلىنىدۇ. مەنپىي شەرتلىك غىدىقلىغۇچقا ئوخشاپ كېتىدىغان غىدىقلىغۇچنىڭ چوڭ مېڭە پوستلىقىدا پەيدا قىلغىنى تورمۇزلىنىش جەريانى بولۇپ، دېففېرېنسىيىلىنىشىنىڭ شەكىللىنىشى مۇشۇ خىلدىكى تورمۇزلىنىشقا تايىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خىل تورمۇزلىنىش دېففېرېنسئاللىغۇچى تورمۇزلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. دېففېرېنسئاللىغۇچى تورمۇزلىنىش بارلىق پەرقلەندرۇرۇش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمىدۇر.