Uyghur主要词典
دېكابر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىل 12 ئاينىڭ ئون ئىككىنچىسىنىڭ نامى.
دېكابر ئىنگلىزچە December دېيىلىدۇ. بۇ لاتىنچە Decem دىن كەلگەن. بۇنىڭ ئەسلى مەنىسى ئونىنچى، يەنى ئونىنچى ئاي دېگەن بولىدۇ. قەدىمكى رىم يىلنامىسىدا ئون ئاي 12 ئايغا ئۆزگەرتىلگەندە، ئەسلى 10 - ئاي 12 - ئاي بولغان، لېكىن نامى ئۆزگەرتىلمىگەن.
12 - ئاي چوڭ ئاي؛ 31 كۈنلۈك.
12 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە كۈن توختايدىغان ۋاقىت؛ بۇ چاغدا تۈن ئەڭ ئۇزۇن، كۈن ئەڭ قىسقا بولىدۇ.
12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى روژدېستو بايرىمى، يەنى ئەيسا تۇغۇلغان كۈن. خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى.
30 - دېكابر ئېلىمىزنىڭ رادىئو ئىشلىرى بارلىققا كەلگەن خاتىرە كۈن.