Uyghur主要词典
دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى
دۇنيا تارىخى
پرۇسسىيە -فرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيىدە قۇرۇلغان بۇرژۇئا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى. 1870-يىلى 4-سېنتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئىككىنچى ئىمپېرىيىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ھۆكۈمەتنى جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن موناخىستلار بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان بولۇپ، تورشۇ ياشلىق بولغان. پرۇسسىيە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشتا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، مېتىس تەسلىمىگە ۋە پارىژنىڭ قاتمۇقات مۇھاسىرىگە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ھەمدە پارىژ خەلقىنىڭ 1870-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋە 1871-يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى ئىككى قېتىملىق قوزغىلىڭىنى ئارقائارقىدىن باستۇرغان. ئۇزاق ۋاقىت مەخپىي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، 1871-يىل 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، پرۇسسىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 2-ئاينىڭ 13-كۈنى بردودا چاقىرىلغان مىللىي ارلامېنتتا تيېر باشچىلىقىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت سايلىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە ھۆكۈمىتى ئاياغلاشقان.