Uyghur主要词典
دۆلەت ۋارىسلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شەرىئەتتە قوللىنىلىدىغان سۆز بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئاخىرقى ۋارىسى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەنەفىيەنىڭ مىراس توغرىسىدىكى ئەھكامىدا قوشۇمچە ۋارىسلارنىڭ تۆتىنچى رېتىگە تىزىلغان. بۇ شەرىئەتتە ۋارىسلىق قىلىنغۇچىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن ۋارىسى بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسى ئىگىسىز مۈلۈك ھېسابلىنىپ، دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. باشقا ئەھلى فىقھەلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلىمىلەرنى تۈزدى.