Uyghur主要词典
دىنوزاۋر
ھايۋاناتلار دۇنياسى
دىنوزاۋر ئەسلىدە يەر شارىدىكى غايەت زور مەخلۇق بولۇپ، يەر شارىغا170 مىليون يىل «ھۆكۈمرانلىق»قىلىپ، كېيىن بىراقلا يوقالغان. ئۇنىڭ نەسلىنىڭ زادى قانداق قىلىپ قۇرۇپ كەتكەنلىكى ئىلىم - پەندىكى تا بۈگۈنگە قەدەر يېشىلمىگەن بىر سىردۇر.
رىۋايەتلەردىكى ئەجدىھا مۈڭگۈزى ۋە تەڭگىچىلىرى بار بىر خىل ھايۋان بولۇپ، ماڭالايدىكەن، ئۇچالايدىكەن، سۇ ئۈزەلەيدىكەن. لېكىن، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىدا بۇنداق ئەجدىھا بولۇپ باقمىغان، ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى نەرسە، خالاس. دىنوزاۋر ئەجدىھا ئەمەس، دېگەن قاراشنى1841 - يىلى ئەنگلىيىلىك ئالىم ئوۋۋېن بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. تاشقاتما توغرىسىدىكى ماتېرىياللاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇ بۇنىڭدىن70 مىليون يىلدىن200 مىليون يىلغىچە بولغان مېزوزوي ئېراسىدا ياشىغان ھايۋان ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا دىنوزاۋر ۋەكىللىكىدىكى تۆت پۇتلۇق يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار پۈتۈن يەر شارىنى ئىگىلىگەن.
دىنوزاۋرنىڭ تېنى غايەت چوڭ بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى30 مېتىر كېلىدۇ، ئۇزۇن بوينىدا كىچىك بېشى بولۇپ، ھەقىقەتەن «پۇت - قوللىرى تەرەققىي قىلغان، كاللىسى ئاددىي» غەيرىي مەخلۇق ئىدى. تېنىنىڭ ئارقىسىدا يەنە سۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن قۇيرۇقى بار ئىدى.
دىنوزاۋرلار كەسلەنچۈكسىمان دىنوزاۋرلار ۋە قۇشسىمان دىنوزاۋرلار دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. كەسلەنچۈكسىمان دىنوزاۋرلار گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە تۇراتتى، ئالدى پۇتى تەرەققىي قىلمىغانىدى، مەسىلەن، مەشھۇر تىراننوزاۋر، ئاللوزاۋر (سەكرىگەك دىنوزاۋر) لار. ئۇلارنىڭ پۇتى ئۇزۇن، يۈگۈرۈش سۈرئىتى تېز بولۇپ، ھازىرغا قەدەر يەر شارىدا پەيدا بولغان ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك گۆشخور ھايۋانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ چىشلىرى بەك ئۆتكۈر بولۇپ، باشقا ھەر خىل ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەپلا قالماستىن، ئۆز تۈركۈمىدىكى ئوتخور دىنوزاۋرلارنىمۇ قولدىن بەرمەيتتى.
قۇشسىمان دىنوزاۋرلار ئوت - چۆپ يەيدىغان، تۆت پۇتى يەرگە تېگىدىغان دىنوزاۋرلار ئىدى. ئۇلار سازلىق رايونلاردا ياشايتتى، ئېغىرلىقى100 توننىغا يېتەتتى. بېشى كەسلەنچۈكسىمان دىنوزاۋرلارنىڭكىدىنمۇ كىچىك ئىدى، مەسىلەن، بروننوزاۋر، دىپلودوكۇس، نامازاۋر قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن تۈرلەردە قاتتىق ساۋۇتى ياكى ئۆتكۈر ئۇچلۇق مۈڭگۈزى بار ئىدى. يەنە بەزى تۈرلىرى دۈشمەنلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇچقاندەك يۈگۈرەيتتى. ئامېرىكىنىڭ كولودوت رايونىدا بىر خىل بروننوزاۋرنىڭ ئۇستىخىنىنىڭ تاشقاتمىسى بايقالغان، ئۇ دۇنيا بويىچە ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ چوڭ دىنوزاۋر تاشقاتمىسى بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى24 مېتىر، ئېغىرلىقى80 توننا، ئېگىزلىكى15 ~18 مېتىر، بوينىنىڭ ئۇزۇنلۇقىلا12 مېتىر چىققان. دۆلىتىمىزدىن بايقالغان ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل دىنوزاۋر سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ خېچۇەن ناھىيىسىدىن قېزىۋېلىنغان خېچۇەن مامىنشىزاۋر بولۇپ، پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى22 مېتىر، ئېگىزلىكى5 .3 مېتىر، ئېغىرلىقى40 −50 توننا، ئۇنىڭ ئىسكىلىتى ھازىر تەبىئەت مۇزېيىغا قويۇلغان.
بىئولوگىيە
قەدىمكى يەر باغىرلىغۇچى ھايۋان. ئۇ دىئاپىدا (Diapsida) غا تەۋە بولۇپ، باش سۆڭىكىنىڭ ھەر يېنىدا ئىككىدىن چېكە ئويمىنى بولىدۇ. دىنوزاۋرلارنىڭ مېزوزوي ئېراسىدىكى تۈرلىرى كۆپ بولۇپ ناھايىتى كەڭ تارقالغان بىر تۈركۈم ھېسابلىنىدۇ. تەن شەكلىنىڭ چوڭلۇقى بىردەك بولمايدۇ، كىچىكلىرىنىڭ بەدەن ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، چوڭلىرىنىڭ 30 مېتىرغا يېتىدۇ. قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تىپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى بەلبېغىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. كەسلەنچۈك دىنوزاۋر (Saurischia) بەلبېغى ئۈچ رادىئاللىق بولۇپ، كەسلەنچۈكنىڭ بەلبېغىغا ئوخشايدۇ. كەسلەنچۈك دىنوزاۋرلارنىڭ ئىپتىدائىي تۈرلىرى كەينى پۇتى بىلەن يەرگە دەسسەپ ماڭىدۇ، كۆپچىلىكى گۆشخور (مەسىلەن، تراننوزاۋر، تۆگىقۇشسىمان دىنوزاۋر قاتارلىقلار)، 1938 - يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىن تېپىلغان لۇفىنگوزاۋر چۆپخور، مەشھۇر دىپلودوكۇس، برونتوزاۋر، شۇنىڭدەك 1957 - يىلى مەملىكىتىمىزنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىن تېپىلغان مامېنچىزاۋر قاتارلىقلار بولسا، كەسلەنچۈك دىنوزاۋرلارنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن چۆپخور، تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغان گىگانت دىنوزاۋلار ھېسابلىنىدۇ. سازلىق رايونلارد ياشايدۇ؛ قۇشسىمان دىنوزاۋلار (Ornithischia) نىڭ بەلبېغى تۆت رادىئاللىق بولۇپ، قۇشلارنىڭ بەلبېغىغا سەل ئوخشايدۇ، قۇشسىمان دىنوزاۋلارنىڭ ئىپتىدائىي تۈرلىرى چۆپخور بولۇپ، كەينى پۇتى بىلەن يەرگە دەسسەپ ماڭىدۇ (مەسىلەن، ئۇچار دىنوزاۋر، تىكەن بۇرۇنلۇق چىڭداۋ دىنوزاۋرى)، كېيىنكى ۋاقىتتىكى قۇشسىمان دىنوزاۋرلار تۆت پۇتلاپ ماڭغان، ناھايىتى كۆپ تۈرلىرىنىڭ قاتتىق قالقىنى ۋە ئۇچلۇق مۈڭگۈزى بولىدۇ (مەسىلەن، ئانكىلوزاۋر، سىنتېگوزاۋر، مۈڭگۈزلۈك دىنوزاۋر قاتارلىقلار). دىنوزاۋرلار مېزوزوي ئېراسىدا بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان بولۇپ، يەر باغىرلىغۇچىلار شەكىللىنىشىنىڭ ئالتۇن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. مېزوزوي ئېراسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە بولسا، ھەممىسىنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ھازىر دىنوزاۋلارنى ئىسسىق قانلىق ھايۋانلار دەيدىغان كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، نەسلى قۇرۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى كۆز قاراشلار تېخىنۇ بىردەك ئەمەس، شۇڭا داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
لاتىنچە
زوئولوگىيە
قەدىمكى سۆرەلگۈچى ھايۋان. ئوتتۇرا ھايات ئېراسىدا ئەڭ تەرەققىي قىلىپ، زور دەرىجىدە كۆپەيگەن، تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولغان، چوڭلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا 30 مېتىرغا يەتكەن، ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە نەسلى قۇرۇپ كەتكەن.