Uyghur主要词典
دىننىڭ قائىدىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ فىقھە ئەسىرى بولۇپ، بۇنى ئەل ئەشئەرىيەدىكى فەقىھ باغدادى يازغان. Ⅺ ئەسىردە كىتاب قىلىنغان. بۇنىڭدا ئىمام (خەلىپە) تۈزۈمى مۇنداق سەككىز تەرەپتىن بايان قىلىنغان: (1) ئىمام ئەمەلىنىڭ زۆرۈرلۈكى؛ (2) ئىمامنىڭ ۋەزىپىسى؛ (3) ئىمامنىڭ سانى؛ (4) ئىمامنىڭ كېلىپ چىقىشى؛ (5) ئىمامنىڭ سالاھىيىتى؛ (6) ئىمامنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى ۋە بىكار قىلىنىشى؛ (7) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ئىمامنىڭ ۋەزىپىسى؛ (8) ئىمامنىڭ ۋارىسى ۋە ۋەسىيىتى. كىتابتا ئىماملىق تۈزۈمىنىڭ ئاللانىڭ ۋەھىيسىدىن كەلگەنلىكى، مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك تۈزۈم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مۇقەددەس ئەھكاملارنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، ئىمام قۇرەيش جەمەتىدىن چىقىش كېرەكلىكى، تەقۋادار، ئادىل، باتۇر - جەڭگە ماھىر، فىقھەغا پىششىق دىنى ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ قەيت قىلىنىدۇ. بۇ كىتاب ئىمام (خەلىپە) تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەبۇ ھەسەن ماۋەردى، غەززالى قاتارلىق كېيىنكى ئۆلىمالارغا خېلى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى.