Uyghur主要词典
دىنگائان
دۇنيا تارىخى
(1795 - 1840) جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلارنىڭ مۇستەمىلكىچىلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ داھىيسى، زۇلۇ دۆلىتىنىڭ پادىشاھى (1828 - 1840)، شاكانىڭ ئاتا باشقا قېرىندىشى. 1828-يىلى تەختكە ۋارىسلىق قىلىپ، شاكانىڭ ھەربىي كۈچ ۋە ئىتتىپاقنى كۈچەيتىش سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنگلاىيە بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرغان. 1937-يىلىدىن باشلاپ بۇلارغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1840-يىلى بۇرلار ئۇنىڭ ئۇكىسى مپاندې بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلغان، دىنگائان كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، مپاندې پادىشاھلىق ئورۇننى تارتىۋالغان.