Uyghur主要词典
دالخوسى
دۇنيا تارىخى
(1) ئەنگىلىيىدىكى رامساي ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنىڭ ۋارىسلىق ئۇنۋانىنىڭ نامى، (2) جامېس ئاندىرېۋبرون رامساي (1812 - 1860) دالخوسى دېگەن ئۇنۋانغا ۋارىسلىق قىلغان. ھىندىستاننىڭ ئەنگىلىيىلىك مۇستەملىكىچى باش ۋالىيسى (1848 - 1856). ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىنى ھەريىلى قوزغاپ، سىكخىسىم دىندارلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، پەنجاب (1849 - يىلى)، ئوئۇد (1856) قاتارلىق شتاتلارنى يۇتۇۋالغان. يەرلىك شتاتلارنىڭ خوجا - بەگلىرى ئۆلگەندىن كېيىن ئىزىنى باسىدىغانئۇرۇق - ئەۋلادى بولمىسا، دۆلەت يېرى شۇ ھامان قوشۇۋېتىلىدۇ دېگەن <ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇش سەپسەتىسى> نى ئويدۇرۇپ چىقارغان. ئۇ شۇنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى - ئاخىر زەپۇر، جاڭشى ۋە ناڭپۇر قاتارلىق شتاتلارنى يۇتۇۋالغان. 1852 - بىرمىغا ئىككىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، بوگونى يۇتۇۋالغان. تۆمۈريول، پوچتا - تېلېگراف تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، گانگ قانىلىنى ئېچىش، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ھىندىستانلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولۇش شەرتلىرىنى كەڭ قويۇش ئارقىلىق ھىندىستانغا بولغان كونتروللۇقنى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتكەن.