Uyghur←Chinese主要词典
دالخوسى
دۇنيا تارىخى
大贺胥
dà hè xū
()1( ئەنگىلىيىدىكى رامساي ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىنىڭ ۋارىسلىق ئۇنۋانىنىڭ نامى، )2( جامېس ئاندىرېۋبرون رامساي )1812 - 1860( دالخوسى دېگەن ئۇنۋانغا ۋارىسلىق قىلغان. ھىندىستاننىڭ ئەنگىلىيىلىك مۇستەملىكىچى باش ۋالىيسى )1848 - 1856(. ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشىنى ھەريىلى قوزغاپ، سىكخىسىم دىندارلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، پەنجاب )1849 - يىلى(، ئوئۇد )1856( قاتارلىق شتاتلارنى يۇتۇۋالغان. يەرلىك شتاتلارنىڭ خوجا - بەگلىرى ئۆلگەندىن كېيىن ئىزىنى باسىدىغانئۇرۇق - ئەۋلادى بولمىسا، دۆلەت يېرى شۇ ھامان قوشۇۋېتىلىدۇ دېگەن <ھوقۇقتىن مەھرۇم بولۇش سەپسەتىسى> نى ئويدۇرۇپ چىقارغان. ئۇ شۇنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى - ئاخىر زەپۇر، جاڭشى ۋە ناڭپۇر قاتارلىق شتاتلارنى يۇتۇۋالغان. 1852 - بىرمىغا ئىككىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، بوگونى يۇتۇۋالغان. تۆمۈريول، پوچتا - تېلېگراف تۈزۈملىرىنى ئورنىتىش، گانگ قانىلىنى ئېچىش، ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ھىندىستانلىقلارنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولۇش شەرتلىرىنى كەڭ قويۇش ئارقىلىق ھىندىستانغا بولغان كونتروللۇقنى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتكەن.