Uyghur主要词典
دالاي ۋە بەنچەنگە ئوتۇغات نامى بېرىش
领域: جۇڭگودىكى تارىخىي ۋەقەلەردالاي لاما ۋە بەنچەن ئېردېنې شىزاڭدىكى لاما دىنىنىڭ ئىككى چوڭ گېگەنى. چىڭ سۇلالىسى پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شىزاڭنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ دالاي ۋە بەنچەنگە ئوتۇغات نامى بەردى ھەمدە بۇنى تۈزۈمگە ئايلاندۇردى.
مىلادىيە1652 - يىلى شۇنجى خان دالاي Ⅴ نى پايتەختكە كېلىشكە تەكلىپ قىلدى ھەمدە مەخسۇس ئۇنىڭغا ئاتاپ كۆلىمى زور، ھەيۋەتلىك خۇاڭسى ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرۇپ، بېيجىڭدىكى تۇرالغۇسى قىلىپ بەردى. دالاي Ⅴ بېيجىڭدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ داغدۇغىلىق قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. كېيىنكى يىلى شۇنجى خان دالاي Ⅴ كە ئالتۇن دەستەك، ئالتۇن مۆھۈر ئىنئام قىلىپ، ئۇنىڭغا «رەھىمدىل، ئوچۇق - يورۇق ئەرش گېگەنى، تەڭرى ئاۋامنى تەربىيىلەشكە ئەقىدە چۈشۈرگەن ۋاجراخېڭلا دالاي لاما» دېگەن ئوتۇغات نامىنى بەردى.1713 - يىلى كاڭشى خان شىزاڭدىكى لاما دىنىنىڭ يەنە بىر باشلىقى بەنچەن Ⅴ كە «بەنچەن ئېردېنې» دېگەن نامنى بەردى ھەمدە ئالتۇن دەستەك، ئالتۇن مۆھۈر ھەدىيە قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دالاي ۋە بەنچەننىڭ شىزاڭنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئورنىنى بېكىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى دالاي ۋە بەنچەنلەرنىڭ جەزمەن چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتۇغاتىنى قوبۇل قىلىشىنى بەلگىلىدى.
مىلادىيە1772 - يىلىدىن باشلاپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبال تەسىس قىلدى. شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبال مەركىزىي ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن دالاي، بەنچەنلەر بىلەن بىرلىكتە شىزاڭنى باشقۇردى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يەنە دالاي، بەنچەنلەرنىڭ روھى يۆتكىلىدىغان ئالتۇن لوڭقا («بېنبا»، زاڭزۇ تىلىدا «قۇتا» دېگەن مەنىدە) تۈزۈمىنى ئورناتتى. لاما دىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دالاي ياكى بەنچەن ئالەمدىن ئۆتكەندە تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاق دالاي ياكى بەنچەننىڭ «روھى يۆتكەلگەن ئىلاھىي بالا» دەپ قارىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلاتتى. بىراق، مۇبادا بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە «ئىلاھىي بالا» تەڭلا تۇغۇلغان بولسا، ۋارىسلىق ھوقۇقىنى بېكىتىش تەسكە چۈشەتتى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، «ئالتۇن لوڭقا» تۈزۈمىدە دالاي، بەنچەنلەرنىڭ روھى يۆتكىلىدىغان چاغدا شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبال «ئىلاھىي بالا» نىڭ ئىسىم - فامىلىسى، تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈنى قاتارلىقلارنى چەككە يېزىپ، پادىشاھ ھەدىيە قىلغان ئالتۇن لوڭقىغا تاشلاش، ئاندىن لامالار يەتتە كۈن نوم تەپسىر قىلىپ، ۋاقىت توشقاندا شىزاڭدا تۇرۇشلۇق ئامبالنىڭ نازارىتىدە چەك تارتىش، چەكتە چىققان «ئىلاھىي بالا» دالاي ياكى بەنچەننىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى بولۇش بەلگىلەندى. شۇنىڭ بىلەن، دالاي، بەنچەنلەرنى بەلگىلەش ھوقۇقى چىڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي ۋە بەنچەنلەرگە ئوتۇغات نامى بېرىشى تۈزۈمگە ئايلاندى، دالاي ۋە بەنچەنلەرنىڭ ئوتۇغات نامى تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。