Uyghur主要词典
چوڭ سىياگۇن
دۇنيا تارىخى
ياپونىيەنىڭ فېئوداللىق دەۋرىدىكى چوڭ خوجىدار. خىراياسۇ دەۋرىدىن بۇيان كۆپلىگەن مۇنبەت يەرئىگىلىۋالغان چوڭ خوجىدار نامىدىن كەلگەن. ئىگىلىۋالغان مۇنبەت يەرلەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بويىچە چوڭ سىياگۇن، كىچىك سىياگۇن دەپ ئايرىلىدۇ. سەركەردىلەر كامۇكۇرا دەۋرىدىن باشلاپ يەنە كۈچلۈك سامۇراي بولۇپ، يەرلىك ھوقۇققا ئىگە بولغانلىقتىن باقاۋۇل سىياگۇن دەپ ئاتالغانىدى. يېغىلىق دەۋرىدە، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتمەن ئائىلىلەر مۇلازىملار ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئۆز ئالدىغا زېمىن بۆلۈۋېلىپ، بىر تەرەپتە زومىگەرلىك قىلغان. بۇلار يىغىلىق سانغۇنلىرى دەپ ئاتالغان. ئېدو دەۋرىدە شوگنات - ۋاسسال تۈزۈلمىسىئورنىتىلغان. جايلاردىكى بەگلىكلەردە ۋاسساللار تەسىس قىلىنغان. ۋاسسال بەگلەر سىياگۇن دەپ ئاتالغان. ئۇلار يىلىغا 10 مىڭ تاغاردىن ئارتۇق سېلىق يىغىلىدىغان سۇيۇرغالغا ئىگە بولۇپ، سىياگۇنلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەجبورىيىتى بار ئىدى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەھكىمە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق بولغان - بولمىغانلىقىغا قاراپ ئۈچ خىلغا ئايرىلاتتى: سىياگۇن توكوگاۋانىڭ تۇغقانلىرى ۋاسسالپەرەس سىياگۇن دەپ ئاتالغان؛ گۇنيۇەن ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى توكو گاۋاغا تەۋە ۋاسساللار شەجىرە سەركەردە دەپ ئاتالغان. گۇنيۈەن ئۇرۇشىدىن كېيىن توكوگاۋاغا بېقىنغان ۋاسساللار تاشقىرى سىياگۇن دەپ ئاتالغان.شوگنات بۇلارنىڭ مەھكىمىسىنى باشقۇراتتى. ئۇلار ھەربىي خىزمەت ئۆتەش، ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، قۇرۇلۇش خىراجەتلىرىنى يەتكۈزۈپ بىرىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. مېيجى يېڭىلىققا كۆچۈش دەۋرىدە ۋاسسۋال ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ناھىيە تەسىس قىلىنغان. سىياگۇنلارنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. سەركەردىلەرنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنغانبولسىمۇ، يەنىلا دۆلەتمەن ئائىلىگە ئايرىلىپ مائاش بېرىلگەن.