Uyghur主要词典
چوڭقۇر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، سىرتتىن ئىچكىرىگە بولغان ئارىلىق چوڭلۇق.
چوڭقۇر دەريانىڭ شاۋقۇنى ئاز. ئېرىق شىلدىرلار. تىرەن كۆل جىم تۇرار. تاغدىن ئېگىز، دېڭىزدىن تىرەن. بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي _ چوڭقۇرى تولا. تەرىڭ تەڭىز _ تېرەن دېڭىز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۈستى بىلەن ئاستىنىڭ ئارىلىقى چوڭ.
تېيىز، ساياز
ئۈستى بىلەن ئاستىنىڭ ئارىلىقى كىچىك.
تاغدىن ئېگىز، دېڭىزدىن تىرەن. چوڭقۇر قۇدۇقنىڭ سۈيى تۈگىمەس. چوڭقۇر دەريانىڭ شاۋقۇنى ئاز. تېيىز ئېرىقنىڭ شاۋقۇنى قاتتىق. ساياز سۇدا بېلىق بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەتراپىدىكى يەرگە قارىغاندا، سەل چۆكۈپ كەتكەن يەر.
دۆڭ
ئەتراپىدىكى يەرگە قارىغاندا، سەل كۆتۈرۈلۈپ چىققان يەر.
بىلمىگەن يەرنىڭ ئۆي - چوڭقۇرى تولا. دۆڭگە جىرىم تىكمە، ئويغا ئۆي سالما. قوناقنى دۆڭگە تېرى، بېدىنى ئويغا. ئۆزگىنىڭ ئېتى دۆڭگە چاپسىمۇ چارچىماس. ئالدىرىغاندا دۆڭگە مۈكۈپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. قېزىلغان، كولانغان، ئويۇلغان ياكى تەبىئىي ھاسىل بولغان ئويمان.
ئۇ ئۇيقۇلۇقتا ئورنىدىن ئىتتىك قوپۇپ، يېنىدىكى چوڭقۇرغا چۈشۈپ كەتتى.
سۈپ. تېرەن، ئوي.
چوڭقۇر ئازگال. چوڭقۇر قۇدۇق.
قۇدۇق چوڭقۇر، ئارغامچا قىسقا (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. ھەر تەرەپلىمە، ئەتراپلىق، كەڭ.
چوڭقۇر بىلىم. چوڭقۇر چۈشەنچە.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
چوڭقۇر، تېرەن.