Uyghur主要词典
چوڭ قۇببە سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى قەدىمىيەنىڭ شۆبە سۈلۈكى بولۇپ، دەسلەپ <چى سۈلۈكى، >چى< جەمەتى قۇببىسى> دېيىلىپ، بۇ سۈلۈكنى تارقاتقان چى جىنزىنىڭ ئىسىمى بىلەن ئاتالغان. بۇ سۈلۈكنىڭ قۇببىسى (گۈمبزى) بەك كاتتا سېلىنغانلىقتىن، قۇببە نامى ئىشلىتىلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، چى جىنزى مەككىدە تەربىيىلىنىپ جۇڭگوغا دىنىي تەرغىبات ئۈچۈن كەلگەن ئەرەب ئابدۇ دۇنراش ۋە شىنجاڭدىكى ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئاپاق خوجىدىن تەلىم ئېلىپ، قەدىمىيەنىڭ ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغان. قۇببە (گۈمبەز) كۆپ بولۇپ، تەڭدىن تولىسى تاغ ۋە ئورمانلار ئارىسىغا سېلىنغان. ئادەملىرى <قۇرئان كەرىم> گە ۋە ھەدىسكە ئەمەل قىلغاندىن باشقا، ئىستىقامەت قىلىش كېرەك. ئىستىقامەت قىلغاندا زىكر سالىدۇ، ئىستىقامەت قەسەملىرىنى ئوقۇيدۇ. زىكر سالغاندا نەپەس رېتىمىنى تەڭشەش كېرەك. شەيخ تەسىس قىلىنمايدۇ. ھەر قايسى گۈمبەزلەرنىڭ جامائىتى ئۆزىنىڭ باشلىقىنى سايلايدۇ (راھىبلار ياكى دەھرىيلەرنى سايلاشقىمۇ بولىدۇ)، يالغۇز جامائە تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. چىڭ سۇلالىسىنىڭ تۇنجى يىللىرى (1862 - 1874) < ۋاپادارلىق ئۇيۇشمىسى> قۇرۇلۇپ، مەسئۇل بولغۇچى دېموكراتىك يول بىلەن سايلاندى. بۇ تەشكىلات 1943 - يىلىغىچە مەۋجۇت بولدى. كېيىنكى يىلى <مۇدىرىيەت> قۇرۇلۇپ، يەنىلا دېموكراتىك سايلام تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. بۇ سۈلۈك <ئۈستىمىزدە خۇفىيە، قوينىمىزدا قادىرىيە، ئۆشنىمىزدە جەھرىيە تۇرىدۇ> دەيدۇ. ئۇلار گەنسۇدىكى لىنشا، سچۇەندىكى باۋنىڭ، سۇڭخەن، شەنشىدىكى شىشياڭ قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.