چېلىشماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① جىسمانىي جەھەتتىن ئېلىشماق، بەل تۇتۇپ كۈچ سىناشماق:[مىسال:] باي بىلەن دەۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما (ماقال).[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] بىرەر مەقسەت، نىشان يولىدا جەڭ قىلماق، كۈرەش قىلماق، كۈچ چىقارماق:[مىسال:] ئەل بىرلىكى بولسا، باشقا ئىشلارنى قىلماق ئاسان بولىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ، بىللە چېلىشىمىز، ئەلنى رازى قىلىمىز دېدى ئۇ.