Uyghur主要词典
چېلىشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
جىسمانىي جەھەتتىن ئېلىشماق، بەل تۇتۇپ كۈچ سىناشماق.
باي بىلەن دەۋالاشما، باتۇر بىلەن چېلىشما (ماقال).
كۆچمە. بىرەر مەقسەت، نىشان يولىدا جەڭ قىلماق، كۈرەش قىلماق، كۈچ چىقارماق.
- ئەل بىرلىكى بولسا، باشقا ئىشلارنى قىلماق ئاسان بولىدۇ. خاتىرجەم بولۇڭ، بىللە چېلىشىمىز، ئەلنى رازى قىلىمىز! - دېدى ئۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<چالماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
مېنىڭ زوقۇم كېلىپ، بەختىگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. بالىلارمۇ كۈلۈشۈپ چاۋاك چېلىشتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<چالماق Ⅱ> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.