Uyghur主要词典
چېلىش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى.
خەلقئارا چېلىش.* جۇڭگوچە چېلىش.* ئۇيغۇرچە چېلىش.* يىقىلغان چېلىشقا تويماس.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
« چالⅡ »نىڭ ئىسىمدىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<تەن> تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭدا، ئىككى ئادەم قۇچاقلىشىپ، ھەر قايسىسى ئۆزلىرىنىڭ كۈچى ۋە ماھارىتىگە تايىنىپ، قارشى تەرەپنى يىقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ.
كۆچمە. جەڭ، كۈرەش.
كەلدى ئېسىل گۈلباھار، پەسسىللەرنىڭ ئەركىسى، ئاڭلىنىدۇ ئەتراپتىن، جەڭ - چېلىشنىڭ نەغمىسى.