Uyghur主要词典
چار پادىشاھ
قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
چار پادىشاھ روسىيە پادىشاھىنىڭ نامى، «چار» لاتىنچە «كائېسار» نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن. مىلادىيە1547 - يىلى1 - ئايدا، روسىيە ئىۋان Ⅳ (1533 - −1584 - يىللار) پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ چار پادىشاھ دەپ ئاتالغان.15
- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىلا روسىيىدە، موسكۋا كىنەزى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى − دۇنيادىكى ۋىزانتىيە دىنىي جەمئىيىتىنىڭ بىردىنبىر ھامىيسى، دېگەن قاراش تارقالغان. «2 - رىم» كونستانتىنوپول تۈركلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى ۋە پادىشاھنىڭ ھوقۇقى «3 - رىم» موسكۋا كىنەزىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. بۇ موسكۋا كىنەزىنىڭ ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ ئاتاش ئۈچۈن قىلغان جامائەت پىكرى تەييارلىقى ئىدى. ئىۋان Ⅳ دەۋرىدە روسىيىدە ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن دۆلەت ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن بولۇپ، كىنەزلىكنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كىنەز دېگەن ئاتاش بىرلىككە كەلگەن روسىيە پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانىنى ئاتاشقا ئانچە ماس كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن ئىۋان Ⅳ ئەجدادلىرى قوللىنىشقا پېتىنالمىغان «چار پادىشاھ» دېگەن نامنى قوللاندى.
ئىۋان Ⅳ نىڭ ئۆزىنى چار پادىشاھ دەپ ئاتاشتىكى مەقسىتى ھەم ئۆزىنىڭ چەكسىز پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۆز - كۆز قىلىش، ھەم موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، موسكۋا كىنەزلىكى چارروسىيە دەپ ئاتالغان.1721 - يىلى پېتېر Ⅰ چار پادىشاھ دېگەن نامنى پادىشاھ دەپ ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، يەنىلا چار پادىشاھ دەپ ئاتاۋەرگەن.1917 - يىلى2 - ئايدا روسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتلىدى، شۇنىڭدىن كېيىنلا چار پادىشاھ تۈزۈمى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.
دۇنيا تارىخى
(1) روسىيە پادىشاھىنىڭ نامى. <چار> لاتىنچە <كائېسار> (قەدىمكى رىم ئىتىبداتى كائېسارنىڭ نامى. كېيىن رىم ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئۇنۋانىغا ئايلانغان) نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشىدىن كەلگەن. 1547-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىۋان Ⅳ تاج كىيىپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، موسكۋا كىنەزى دېگەن نامغا قانائەت ھاسىل قىلماي ئۆزىنى رەسمىي چار پادىشاھ دەپ ئاتىغان. بۇ نامنى قوللىنىشتىكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ چەكسىز پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۆز - كۆز قىلىش ھەم موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدىكى يۈكسەك ئورنىنى تەكىتلەشتىن ئىبارەت. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن موسكۋا كىنەزلىكى ئۆزىنى چار روسىيە دەپ ئاتاپ كەلگەن. 1721-يىلى پېتر Ⅰ ئۆزىنى ئىمپېراتور دە ئۆزگەرتكەن، بىراق ئادەتتە يەنىلا چار پادىشاھ دېگەن نامنى قوللىنىپ كەلگەن. چار پادىشاھلىق تۈزۈمى ئىچكى جەھەتتە خەلقنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇپ كەلگەن، سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچىلىك سىياستىنى يولغا قويۇپ، تاكى 1917-يىلدىكى فېۋرال بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇپ تاشلانغانغا قەدەر داۋام قىلغان. (2) بۇلغارىيە پادىشاھىمۇ ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ چار پادىشاھ دېگەن نامنى قوللانغان. 1946-يىلى خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا بۇ نام بىكار قىلىنغان.