Uyghur主要词典
چار
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
چالا تېپىلگەن باش، تېپىلىپ بولمىغان باشاق.
چار سوقماق.* چار تەپمەك.* بۇ قېتىمقى توپاندىن چار چىقمىدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
ئالىچىپار
چار ساقال.* چار باش.* چار توخۇ.* چار يىلان.* ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قويرۇق ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سان .
پارسچە تۆت، ئەسلى چاھار، بىر نەچچە سۆز بىلەن بىرىكىپ كېلىدۇ.
چار دەرۋىش.* چار پاي.* چارچاپ.* چار پۇتى ئاسمانى.* چارشەنبە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
( شېۋە ) ئەيىب، ئىۋەن.
چار چىقارماق _ ئەيىب تاپماق.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چاھار سۆزىنىڭ قىسقارغان شەكلى، = چەھار.
چار فەسل دەير ئىچىدە فارىغ ئېرمەس غۇسسەدىن،
چەك مۇغەننى چارگاھىڭ، كەل، بۇ كۆلۈمنى ئاۋۇت.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاق - قارا ئارىلاشقان، بىر خىل ئەمەس،
ئاتىغا بالىنىڭ ئالىسى يوق. ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا. ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چار قۇيرۇق. چىپار ئات چىرايلىق كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ئەيىب، ئېۋەن، ئالىلىق. مەسىلەن: چار چىقارماق _ ئېۋەن چىقارماق؛ چار قالماق _ ئالا قالماق، چۈشۈپ قالماق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چار چارماق _ بالا - چاقا.
3 - 203
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇغداي، ئارپا باشاقلىرىنىڭ پوستىدىن ئاجرالماي ئىلغىنىپ قالغان دېنى.
چار تەپمەك. چار سوقماق. بۇغداينىڭ چېرى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئاق بىلەن قارا ئارىلاشقان، ئاق كىرگەن، ئاق باسقان (چاچ - ساقال، تۈك قاتارلىقلار ھەققىدە).
چار باش. چار بۇرۇت. چار ساقال.
ئاققا قارا ۋە باشقا خىل رەڭ ئارىلاشقان؛ ئالىچىپار، چىپار (ھايۋانلارنىڭ رەڭگى ھەققىدە).
چار پاقا. چار خوراز. چار يىلان.
ئالا ئېنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئەيىب، ئېۋەن، ئالىلىق.