Uyghur主要词典
چار يىلان
بىئولوگىيە
يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپىنىڭ تەڭگىچىلىكلەر ئەترىتى، چار يىلانلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇزۇن نەيچە چىشى بار؛ بەدىنى قوڭۇر رەڭ؛ داغ سىزىقىنىڭ ئىككى تىپى مەۋجۇت؛ بىر خىلىنىڭ بەدىنىنىڭ ھەر ئىككى يېنىدا بىر قاتاردىن رومبىسىمان قارا قوڭۇر دېغى بولۇپ، داغ سىزىقىنىڭ چېتى قېنىق، ئوتتۇرىسى سۇس بولىدۇ؛ يەنە بىر خىلىنىڭ تېنىنىڭ ئۈستىدە بىر قاتار توغرىسىغا كەتكەن دېغى بولىدۇ، روشەنكى بۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان چەمبىرەك داغنىڭ ئوڭ - سول ئىككىسىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. بېشىنىڭ يان تەرىپى، كۆزىنىڭ كەينىدە ئاق قاشسىمان بىر سىزىقى بولىدۇ. قورساق تەرىپى قارا كۈل رەڭ بولۇپ، قارا ئاق داغ چېكىتلىرى بولىدۇ. بېشى سەل ئۈچ بۇرجەك مەڭىز ئويمىنى بار، بويۇن قىسمى ئىنچىكە، قۇيرۇقى قىسقا ھەم كىچىك، ئاخىرقى ئۇچى ئۇچلۇق. يېتىلگەنلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 - 70 سانتىمېتىر. تۇخۇم تۆرەلمىلىك كۆپىيىدۇ. 5 ~ 10 - ئايلاردا چېتىشىپ 8 ~ 10 - ئايلاردا 2 - 16 تال بالا يىلان تۇغىدۇ. تۈزلەڭلىك ۋە پەسرەك تاغلىقلاردا ياشاپ چاشقان، قۇشلار، يىلانلار، كەسلەنچۈك قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇ يىرتقۇچ خۇسۇسىيەتلىك بولۇپ، ئۈركىگەن ۋاقتىدا بەدىنى ياپىلاقلىشىپ قۇيرۇق ئۇچى تىترەيدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ چىڭخەي - تىبەت ئېگىزلىكىدىن باشقا ھەممە جايلىرىغا تارقالغان. قان بىلەن ئايلىنىپ زەھەرلەيدىغان قوشۇمچە نېرۋىنى زەھەرلەيدىغان خىلغا كىرىدۇ. ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش دەرىجىسىدىكى يىلان زەھىرى (قۇرۇق) مىقدارى 25 مىللىگرام. ئۇنىڭ بىر قېتىم چاققاندا چىقىرىدىغان زەھەر مىقدارى 45 - 150 مىللىگرام بولۇپ، زەھىرى كۈچلۈك. دورا ئۆسۈملۈكلىرى بىەن ياكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن چار يىلان ئانتىتوكسىنى بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى. نېرۋا ئاجىزلىق ۋە ماخاۋ، رېماتىزم قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چار يىلان زەھىرىدىن تەييارلانغان ئوكۇل بىلەن راك كېسەللىكىنى داۋالىغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئېلان قىلىندى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئاشقازان راكىنى دۋالاشتا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئىكەن. مەملىكىتىمىزدە لۇيشۈنگە يېقىن دېڭىزدىكى يىلان ئارىلىدا يىلان مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلدى.