Uyghur主要词典
چارلېس
دۇنيا تارىخى
(1) چارلېس (پاينەكباش، 823 - 877). غەربىي فرانك كورۇلى (843 - 877). لۇئى (ساداقەتمەن) نىڭ ئوغلى. مىلادىن 840-يىلى ئاكىسى لۇئى (گېرمان) بىلەن <سىتراسبۇرگ قەسىمى> نى ئېلان قىلىپ، چوڭ ئاكىسى لوتارى Ⅰ گە قارشى چىققان. 843-يىلى ئاكا - ئۇكا ئۈچەيلەن <ۋېردون شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، كارولىن ئىمپېرىيىسىنى ئۈچكە بۆلۈۋەتكەن، چارلېس (پاينەكباش) پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. 847-يىلى ۋە 877-يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <مېرىسېن پەرمانى> ۋە <كېرىسىسور - ئوسې پارمانى> نى چىقىرىپ، غەربىي فرانك فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 870-يىلى لۇئى (گېرمان) بىلەن <مېرسېن شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ لوررىئانېنى بۆلۈشكەن. 875-يىلى ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن ۋە رىم پاپاسى جۇئان Ⅲ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا تاج كىيگۈزۈلۈپ كورۇل دەپ ئاتالغان. (2) چارلېس (قارانىيەت، 1332 - 1387) ناۋاررا كورۇلى (1349 - 1387). ئېۋرى (پارىژنىڭ غەربىي شىمالىدا) گرافى. قېيىن ئاتىسى جون Ⅱ <ئاق كۆڭۈل ئادەم>بىلەن فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى تالاشقانلىقى ئۈچۈن، 1356-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان. ئىككىنچى يىلى قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن يەنە 1357 - 1358-يىللىرى پارىژ ئاھالىلىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى ئېتېن مارسېلغا يېقىنلىشىپ پارىژ شاھزادىسى چارلېس (كېيىنكى پارىژ كورۇلى چارلېس Ⅴ) قا قارشى چىققان. 1358-يىلى پىكاردى، نورماندى ۋە ناۋاررا قاتارلىق جايلارنىڭ رىتسارلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جاكلى قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. (3) چارلېس (قەيسەر، 1433 - 1477) بورگۇندى كىنەزى (1467 - 1477). جامائەت پاراۋانلىقى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى. ئۇنىڭغا تەۋە جايلار بورگۇندى كىنەزلىكىدىن باشقا نېدېرلاند ۋە فرانسى - كۈمتې قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅠ نىڭ ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە قارشى تۇرغان ھەمدە ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد 4 (1442 - 1483) نىڭ سىڭلىسى مارگرېت بىلەن توي قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەنگلىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كۆپ قېتىم نېدېرلاند شەھىرىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1476-يىلى شۋېتسارىيىگە بېسىپ كىرگەن، ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا نانسى (ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقتىكى جايلاشقان) جېڭىدە شۋېتسارىيە، لوررانى بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن قېپقالغان يەرلەر (بۇرگۇندى كىنەزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) <بۇرگۇندى مىراسى> دەپ ئاتالغان.
دۇنيا تارىخى
(1288 - 1342) ۋېنگرىيە كورۇلى (1308 - 1342). ئەسلى نېئاپول پادىشاھلىقى ئانجۇخان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىسمى چارلېس روبېرت. 1301-يىلى ۋېنگرىيە ئارپا سۇلالىسى ئاياغلىشىپ، ئۇ 1308-يىلى ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن پولشا كورۇلى ۋلادېسلاۋ Ⅰ. لوكېتېكنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى شەھەرلەرگ ئىمتىياز بېرىپ، سودىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بەرگەن، ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. (2) كارلوس (1500 - 1558) ئىسپانيە كورۇلى (1516 - 1556)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (چارلېس Ⅴ دەپ ئاتالغان)، (1519 - 1556). ئۇنىڭ دادىسى فىلىپ مۇقەددەس رىم ئىمپېىريىسىنىڭ ئىمپېراتورى ماكىسىلىيان Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئانىسى جۇئاننا ئىسپانىيىدىكى فېردىناندو بىلەن ئىسابېلىنىڭ قىزى. 1516-يىلى فېردىناندو ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى قالمىغانلىقتىن، كارلۇس قىز نەۋرە سالاھىيىتى بىلەن ئىسپانىيىىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسپانىيە ھەمدە ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئىتالىيە، سىتسىلىيە، ساردىنىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرنى ئىلكىگە ئالغان. 1519-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇقىغا سايلانغان. 1535-يىلى شىمالىي ئافرىقىغا قوشۇن تارتىپ، تۈركلەرنىڭ قولىدىن تونىسنى (ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قولىدىن كەتكەن) تارتىۋالغان. ئىسپانىيە ۋە نېدېرلاندقا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، 1520 - 1522 - يىللىرى ئىسپانىيە شەھەر جامائەت قوزغىلىڭى، شۇنىڭدەك 1539 - 1540 - يىللىرى نېدىرلاندتىكى گېنت قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئىتالىيىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، فرانسىيە كورۇلى فرانسۇس Ⅰ بىلەن ئۇزاق مۇددەتكىچە ئۇرۇش قىلغان (<ئىتالىيە ئۇرۇشى> غا قارالسۇن). گېرمانىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى ۋە دېھقانلار ئۇرۇشىغا قارشى چىققان. 1547-يىلى مولبېرگ (گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىكى كىچىك بازار) دا پروتېستانت بەگلىكلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يەڭگەن؛ 1552-يىلى ئوڭۇشسلىزلىققا ئۇچراپ، 1555-يىلىغا كەلگەندە <ئوگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى يىلى پادىشاھلىق ئورنىدىن چۈشۈپ، ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىقى بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپرىيىسىنىڭ ئىمپېراترلۇقىنى ئوغلى فىلىپ ( يەنى فىلىپ Ⅱ) ۋە ئىنىسى فېردىناندو (يەنى فېردىناندو Ⅰ) غا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. (3) (1600 - 1649). ئەنگلىيە ستۇئارت سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1625 - 1649). جامېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پارلامېنت بىلەن قارشىلاشقان، پۇرىتانلارنى باستۇرۇپ، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان سودا - سانائەتكە زەربە بەرگەن. 1628-يىلى پارلامېنت بىلەن قارشىلىشىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن <ھوقۇق مۇراجىئەتنامىسى> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1629 - 1640 - يىللىرى پارلامېنتسىز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. 1640 - يىلى شوتلاندىيە ئۇرۇشى بولغانلىقتىن پارلامېنت چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان. 1642 - يىلى پىم (1584 - 1643) قاتارلىق پارلامېنت رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىش سۇيىقەستنى ئەمەلگە ئاشماي، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. ئىككى قېتىمىلق ئۇرۇشتا يېڭىلگەن. 1649 - يىلى 1-ئايدا پارلامېنت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. (4) (1887 - 1922). ئاۋسترىيە كورۇلى (1916 - 1918)، ۋېنگرىيە كورۇلى (كارل Ⅳ دەپ ئاتالغان، 1916 - 1918). 1918 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاۋستىريىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىدىن قالدۇرۇلغان، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، 1921-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋېنگرىيىگە قايتىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، ئىككىنچى يىلى پورتۇگالىيىدە ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
(1630 - 1685) ئەنگلىيە ستۇئارت سۇلالىسىنى كورۇلى (1660 - 1685)، چارلېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان، 1646-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1650-يىلى شوتلاندىيىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. 1651-يىلى كرومۋېل تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، فرانسىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. 1660-يىلى قايتىدىن تىرىلىپ، پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىستېىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دۆلەت دىنىدىن پايدىلىنپ پورىتانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. ئەنگلىيە بۇرژۇئائىنقىلابىغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالغان. ھەتتا كرومۋېل قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى قاتتىق قامچىلىغان. كېيىن <كابال> گۇرۇھىدىكى بەش ۋزىرنى ئەتىۋارلىق ئىشقا سالغان. ھاكىمىيەت يۈگۈزگەن مەزگىللىرى ئىككى قېتىم گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، گوللاندىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىنى تارتىۋالغان؛ شۇنىڭدەك كاتولىك دىنىي كۈچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن <ختابنامە> نى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن پارلامېنت بىلەن كورۇل ئوتتۇرىسىدكى كۈرەش يەنىلا داۋاملاشقان.
دۇنيا تارىخى
(1337 - 1380) فرانسىيە ۋارۇيا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1364 - 1380) يۈز يىللىق ئۇرۇش (1337 - 1453) داۋامىدا فرانسىيە كورۇلى جۇئان Ⅱ(ئاق كۆڭۈل) 1356 - يىلى پوئىتېرېس جېڭىدە ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشكەن، چارلېس ۋەلىئەھدلىك سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنى نازارەت قىلىپ تۇرغان. 1357-يىلى ئېتېننې مارسېل باشچىلىقىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى ئارقىسىدا <مارت پەرمانى> نى ئېلان قىلىپ، ئۈچ دەرىجىلىكلەر كېڭىشىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا قوشۇلغان، لېكىن ھېچقايسىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، 1358-يىلى پارىژ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. كېيىن ناۋاررا كورۇلى چارلېس (ئۇششۇق) بىلەن بىرلىشىپ جاكوئىس قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. 1360-يىلى ئەنگلىيە بىلەن <برېنتىگنى سۈلھ شەرتنامىسى> تۈزگەن. 1364-يىلى دادىسى لوندوندا تۈرمىدە ئۆلگەن. شۇنداق قىلىپ، رەسمىي تەختكە چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، باجنى تەرتىپكە سېلىپ، دۆلەتنى كۈچەيتكەن. 1369-يىلى ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇشنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1314-يىلغىچە كالى قاتارلىق بەش شەھەردىن باشقا، ئەنگلىيە ئىشغالىيىتىدىكى فرانسىيىنىڭ بارلىق زىمىنىنى قايتۇرۇۋالغان.
دۇنيا تارىخى
(1368 - 1422) فرانسىيە ۋارويا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1380 - 1422). نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولغان. تەختتىكى مەزەىللىرى پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلاپ كەتكەن. چوڭ فېئوداللار شايكا توپلاپ گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرغان.
(<ئامانياك گۇرۇھى>غا قارالسۇن)، خەلق ئاممىسى ئارقىمۇ ئارقىدىن بازغانچىلار قوزغىلىڭى ۋە كابوشې قوزغىلىڭىنى كۆتۈرگەن. 1415-يىلى ئەنگلىيە يېڭىۋاشتىن يۈز يىللىق ئۇرۇشنى (1337 - 1453) قوزغىغان ھەمدە ئازىنكورت جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنى يېڭىپ، فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن پارىژ شەھىرىنى بېسىۋالغان. 1420 - يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ئىككى تەرەپ <ترويېس (كېيىنكى كۈنلەردىكى چارلېس ⅤⅡ) نىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن فرانسىيىنىڭ تەختىگە ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅴ قوشۇمچە ئىگە بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. (2) (1685 - 1740). ئاۋسترىيە كورۇلى، گېرمانىيە مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (1711 - 1740). تەختتىكى مەزگىللىرى داۋاملىق تۈردە ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىسپانىيىگە قاراشلىق نېدېرلاند (بېلگىيە)، لومباردىيە (مىلاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، نېئاپول ۋە ساردىنىيە ئارىلىق قاتارلىق جايلارنى قولغا كەلتۈرگەن. 1716 - 1718 - يىللىرى ۋە 1737 - 1739 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۈركىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان. 1733 - 1735 - يىللىرى پولشانىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئاۋسترىيە زېمىنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن. ئوغلى بولمىغانلىقتىن 1713 - يىلى >دۆلەت يارلىقى< چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى چوڭ قىزى مارىيە تىرېساغا قالدۇرىدىغانلىقىنى بېكىتىپ، ھابېسبۇرگ سۇلالىسىنىڭ ئۆز تېررىتورىيىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان، بۇ فرانسىيە، پرۇسسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، كېيىنكى چاغلاردا ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىشنى تالىشىش ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
دۇنيا تارىخى
(1422 - 1461) فرانسىيە ۋارۇيا سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (1422- 1461). فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ نىڭ ئوغلى. يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە (1337 - 1453)، 1420 - يىلدىكى ئەنگلىيە، فرانسىيە >ترويېس كېلىشمى< دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇنىڭ پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان. 1422-يىلى چارلېس Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅵ فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى قوشۇمچە ئىگىلىگەن؛ چارلېس فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان (شىمالىي قىسمى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە تۇرغان). كېيىن چارلېس ئايال مىللىي قەھرىمان جېنناند پاركنىڭ قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇش قىلىشىغا تايىنىپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ قىلغان ۋە قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1429-يىلى 7-ئايدا، رەسمىي تاج كىيىپ، چارلېس ⅤⅡ دەپ ئاتالغان. ئۇ يەنە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ، دائىملىق باج ئېلىپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن. 1435-يىلدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ئۈچ دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى ئاچمايدىغان بولغان. 1453-يىلى يۈز يىللىق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.
دۇنيا تارىخى
(1757 - 1836) فرانسىيە كورۇلى (1824 - 1830). لۇئى ⅩⅥ ۋە لۇئى ⅩⅤⅢ نىڭ ئۇكىسى. دەسلەپ گراف ئاتوۋا دەپ ئاتالغان. فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتىلىغاندىن كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كېتىپ، جاھىل مۇنارخىستلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلىنىپ كەتكەن ۋە ۋاندىيىگە بېرىپ توپىلاڭغا باشچىلىق قىلغان. 1814-يىلى ۋەتىنىگە قايتقان. لۇئى ⅩⅤⅢ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى پادىشاھلىق تەختىنىڭ ۋارىسى دەپ بېكىتىلگەن. 1824-يىلى لۇئى ⅩⅤⅢ ئۆلگەندىن كېيىن تەختكە چىقىپ بىر قاتار ئەكسىيەتچى ئەمر - پەرمانلارنى، مەسىلەن: >تەڭرىگە بىھۈرمەتلىك قىلىش قانۇنى<، >شېھىتلەرگە بىر مىليارد فرانك پۇل تۆلەش قانۇنى<،
>نەشرىياتچىلىق پەرمانى< ۋە >ئىيۇل پەرمانى< قاتارلىقلار چىقارغان. 1830-يىلى ئىيۇل ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلغان. كېيىن مەملىكەتتىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كېيىن ئاۋسترىيىدە ئۆلگەن.