Uyghur主要词典
چارە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تەدبىر، ئۇسۇل، ئامال، ئىلاج، يول.
چارە قىلماق، چارە تاپماق، چارىسىنى قىلماق.* ئەپچىل چارە، ئەمەلىي چارە، كەسكىن چارە.* ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە يوق.* كۆڭۈل قارىغۇ بولسا، كۆزدە نېمە چارە ( ماقال ).
قولدىن كەلگەن ھەممە چارەڭ ئاقمىسا،
قولغا قىلىچ ئالساڭ بولىدۇ داۋا.
قازى يېسە بەش سەر تەرخەمەك پارا،
يۈز دەرە ھۆكۈمگە تاپىدۇ چارە.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
جازا، تەنبىھ ( « كۆرمەك » بىلەن پېئىللىشىدۇ ).
ئاۋۇتقا ئىنتىزامنى بۇزغىنى ئۈچۈن چارە كۆردۇق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئۈستۈن، يۇقىرى ( « كۆرمەك » بىلەن پېئىللىشىدۇ ).
ئۇ سېنى ئۆز بالىسىدىنمۇ چارە كۆرىدۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىلاج، تەدبىر:
چۇ فەرھاد ئاندا نەزارە قىلىپ،
كى رەھم ئەيلەدى ئەلگە چارە قىلىپ،
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلمىشىغا يارىشا كۆرۈلگەن تەدبىر.
تەنبىھ _ تەربىيىنى ئاساس قىلىدۇ.
چارە _ كۆپرەك مەمۇرىي جەھەتتىن بولىدۇ.
جازا _ قانۇنىي جەھەتتىن بولىدۇ.
تۇرسۇنغا تەنبىھ بېرىلىدۇ. مەمۇرىي ئىنتىزامنى بۇزغان مامۇتقا چارە كۆزۈلىدى. ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. 10 مىڭ يۈەندىن كۆپ خىيانەت قىلغانلار قانۇنىي جازا بېرىلىشكە يوللىنىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاستىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
ئۈستۈن، ئارتۇق. مەسىلەن: گۈلسۈمخان ئاچا ئۇنى ئۆز ئوغلىدىنمۇ چارە كۆرەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر ئىشنى، مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن قوللانغان ئۇسۇل؛ تەدبىر، ئامال.
ئەمەلىي چارە. كەسكىن چارە.
بىرەر ئىدارە، جەمئىيەت ۋە كوللېكتىپ ئورۇنلار ئۆز تەۋەلىكىدە يولغا قويغان قائىدە؛ تۈزۈم، بەلگىلىمە.
بۇ چارە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.
تەنبىھ، جازا.
چارە كۆرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
چىقىش كېلىشتە كەلگەن سۆزلەردىن كېيىن <ئۈستۈن، يۇقىرى، ئارتۇق> دېگەن مەنىدە ئالدىنقىسىغا سېلىشتۇرغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.
گۈلسۈمخان ئاچا گۈلنىسا قىزنى ئۆز پەرزەنتلىرىدىنمۇ چارىراق كۆرەتتى.