چارەⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① بىرەر ئىشنى، مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ۋۇجۇدقا چىقىرىش ياكى ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن قوللانغان ئۇسۇل؛ تەدبىر، ئامال:[مىسال:] ئەمەلىي چارە. كەسكىن چارە.[يەشمىسى:] ② بىرەر ئىدارە، جەمئىيەت ۋە كوللېكتىپ ئورۇنلار ئۆز تەۋەلىكىدە يولغا قويغان قائىدە؛ تۈزۈم، بەلگىلىمە:[مىسال:] بۇ چارە شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ.[يەشمىسى:] ③ تەنبىھ، جازا:[مىسال:] چارە كۆرمەك.