Uyghur主要词典
بىئو قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش
يادرو ۋە بىئو قوراللار
بىئو ياراغلار بىـرقـەدەر زور ئۆلـتـۈرۈش، يـارىلانـدۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە، شۇنداقلا چەكلىمىلىككىمۇ ئىگـە ھەم ئۇنـىـڭـدىـن مۇداپىئەلەنگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىلمىي ئۇسۇل قـوللانغاندىلا، زىيىنىنى يېنىكلەتكىلى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
نەپەس يولىنى قوغداش. دۈشمەن بىئولوگىك دورا ئايروزولـىنى قويۇپ بەرگەندە، مۇداپىئە ماسكىسى ياكى نىقاب تاقاش كېـرەك، يـۇقـۇمدىن ساقلىنىش، چاڭ - توزاندىن ساقلىنىش ماسكىسى تاقاشقىمۇ بولىدۇ. يۇقىرىقى سايمانلار بولمىغاندا، لۆڭگە، قولياغلىق، جىددىي قۇتقـۇزۇش سـومكىسىدىكى پاختىدىن ياسالغان ئاددىي ماسكا ياكى قولياغلىق، بۆك، كىيـىـمنىڭ پېشى قاتارلىقلار بىلەن ئېغىز - بۇرۇننى ئېتىۋالغاندىمۇ مـۇئەيـيـەن قـوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
كۆزنى قوغداش. ماسكا ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىـر ۋاقـىـتـتـا، كۆزنى قوغداشقىمۇ دىققەت قىلىپ، بىئولوگىك دورىلارنىڭ بىـرىـكتۈرگۈچى پەردە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنـى ئېـلـىـش كـېرەك. ئۆزى ياسىۋالغان زەھەردىن ساقلىنىش كۆزەينىكى، شامالدىن دالدىلىنىش كۆزەينىكى تاقاشقىمۇ ياكى سۈزۈك سۇلياۋ رەخت ئوراپ مۇداپـىئەلـىنىشكىمۇ بولىدۇ.
تېرىنى قوغداش. زەھەردىن ساقلىنىش كىيىمى ياكى يۇقۇمدىن ساقلىنىش كىيىمىنى كىيگەندە، بىئولوگىك دورا ئايروزولىنىڭ تېـرىـنـى بۇلغىشىدىن ساقلانغىلى ھەم بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنـى ئېـلىـپ يۈرگۈچى ھاشاراتلارنىڭ چېقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەڭ، ياقـا، پـۇشقاقنى چىڭ ئېتىش، پەلەي كىيىش، ئۆتۈك كىيىشنىڭمۇ بەلگىلىك قوغداش رولى بار. مەسىلەن، يامغۇرلۇق كىيگەندە ياكى يېپىنـچا، سـۇلياۋ قاتارلىقلارنى ئارتىۋالغاندا، بۇلارنىڭ قوغداش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
زەھەر سۈزىدىغان ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى بـار دالـدا ئورۇنلاردىن خەندەك ۋە لەخمە قاتارلىق جايلارنىڭ بىئولوگىك دورا ئايـروزولىدىن ياخشى قوغداش ئۈنۈمى بار. كىشىلەر بىئو ياراغلارنىڭ ھۇجۇمىدىن بېرىلگەن سىگنالنى ئاڭلىغىنىدا، ئاكوپلارغا كىرىپ يـوشـۇرۇنىدۇ، بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىدىن بۇلغانغانلار يـوشـۇرۇنـۇش ئورنىغا كىرىشتە، زەھەردىن ساقلىنىش ئۆتۈشمە يولى سىرتىدا كىـيـىـم، ئاياغ، بۆكلىرىنى سېلىۋېتىشى ھەم ئۇنى خالتىغا سېلىپ خالتا ئاغزىنى ھىملىشى ياكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويۇشى، يۇيۇنۇش، دېزىنفېكسىيە قىلىش بۆلۈمىـگـە كـىرىپ، يۇيۇنۇپ، كىيىمىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن يوشۇرۇنۇش ئورنىغا كىرىشى لازىم.
ئىممۇنىتېتنى قوغداش. ئادەتتىكى چاغلاردا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنـى ياخشى ئىشلەش، جەڭ ۋاقىتـلـىـرىـدا دۈشـمـەننىڭ جابدۇنغان ئاسـاسـىي بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىغا مۇناسىپ ۋاكسىنا ئەمـلەش كـېرەك.
دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش. دۈشمەننىڭ بىئو يارىغىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئىشلىتىلگەن بىئولوگـىـيىلىـك جەڭ دورىلىرىغا مۇناسىپ دورىلارنى ئىچىش لازىم. ئەگـەر، دۈشمەننىڭ قايسى خىل جەڭ دورىلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا جەزم قىلغىلى بـولمىسا، رولى كۆپ خىل ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىدىن بۇلغانغـان ھاۋا، يـەر، ياراغ - جابدۇق، ئادەم، كىيىم ۋە باشقا بۇيۇملارنى دېزىنفېكسىيە قىـلـىـش كـېرەك. دېزىنفېكسىيە ئۇسۇللىرىدىن دۈملەپ ھورداش ئۇسۇلـى، كـۆيـدۈرۈش ئۇسۇلى، چوڭقۇر كۆمۈش ئۇسۇلى، كۈنگە سېلىش ئۇسۇللىرى بار، ئۇنـىـڭدىن باشقا، خىمىيىۋى دېزىنفېكسىيە دورىلىرى بىلەن دېزىنفېكسىيىلەشكە بولىدۇ.