Uyghur主要词典
بىئوخىمىيىلىك ئوكسىگېن مىقدارى
领域: بىئولوگىيەبىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەركىبىدە ئورگانىك ماددا بولغان بىر لىتىر سۇدىكى ئورگانىك ماددىنى ئېھتىياجلىق ئوكسىگېن بولغان شارائىتتا، تامامەن ئوكسىدلاش جەريانىدا سەرپ بولغان ئېرىگەن ھالەتتىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ئادەتتە ئوكسىگېننىڭ مىللىگرام سانى (لىتىر / مىللىگرام) ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. BOD سۇ مەنبەسىنى بۇلغىغان ئورگانىك ماددىنىڭ مىقدارىنى ئېنىق كۆرسىتىدىغان كۆرسەتكۈچ شۇنداقلا سۇ مۇھىتىنى كۆزىتىشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى. ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى: كۆزىتىلىدىغان سۇ ئۈلگىسىنى 20 سېلتسىيە گرادۇسلۇق شارائىتتا بەش سوتكا قويۇپ، ئۇنىڭدىكى سەرپ بولغان ئېرىگەن ھالەتتىكى ئوكسىگېننىڭ مىقدارىنى ئۆلچەپ، بۇ سۇ مەنبەسىنىڭ ئورگانىك ماددىلار بىلەن بۇلغىنىش دەرىجىسى ياكى پاسكىنا سۇدىكى ئورگانىك ماددىنىڭ قويۇقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئادەتتە يەر يۈزىدىكى سۇنىڭ BOD مىقدارى ھەر لىتىردا 4 - 3 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。