Uyghur主要词典
بۇرالغان نۇرلارنىڭ چېچىلىشى
领域: بىئولوگىيەنۇر بۇراش ئاكتىپلىقىغا ئىگە بولغان ماددىلارنىڭ تەكشى يۈزلۈك قۇتۇپلانغان نۇرنىڭ قۇتۇپلانغان يۈزىنى بۇراش ئالاھىدىلىكى نۇر بۇراش خۇسۇسىيىتى دېيىلىدۇ. قۇتۇپلانغان يۈزىنىڭ ئايلىنىش بۇلۇڭى نۇر بۇرۇلۇشچانلىقى دېيىلىدۇ. نۇر بۇراشچانلىقىنىڭ تەكشى يۈزلۈك قۇتۇپلانغان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىش ھادىسىسى بۇرالغان نۇرلارنىڭ چېچىلىشى دېيىلىدۇ. تاق رەڭلىك پاراللېل نۇرلار <قۇتۇپلاندۇرغۇچى ئەسۋاب> نىڭ رولى ئارقىلىق تەكشى يۈزلۈك قۇتۇپلانغان نۇرغا ئايلىنىدۇ، بۇ نۇر ئەۋرىشكە نەيچىسىدىن ئۆتكەندە ئېرىتمىدىكى نۇر بۇرىغۇچى ماددىلارنىڭ تەسىرىدە قۇتۇپلانغان نۇرنىڭ قۇتۇپلانغان ئايلانما يۈزى بەلگىلىك بۇلۇڭغىچە ئايلىنىدۇ، ئىشلىتىلگەن تاق رەڭلىك نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنى ئۆزگەرتىپ نۇر بۇراشچانلىقىنى رېتى بويىچە ئېنىقلىغاندا شۇ ئەۋرىشكىنىڭ بۇرالغان نۇرلىرىنىڭ چېچىلىش ئەگرى سىزىقى (بۇرالغان نۇرنىڭ چېچىلىش سپېكترى) غا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئاندىن كېيىن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى Mottitt تەڭلىمىسىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىپ بۇ ئەۋرىشكىنىڭ تۈزۈلۈش خۇسۇسىيىتىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. مانا بۇ بۇرالغان نۇرلارنىڭ چېچىلىش سپېكتر ئانالىزىدۇر. بىئو چوڭ مولېكۇلىلىق ماددىلارنىڭ تەركىبىدە سىممېترىك بولمىغان كاربون ئاتومى ۋە بۇرمىلىق تۈزۈلۈش بىرلىكى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ تۈزۈلۈشىنى بۇرالغان نۇرلارنىڭ چېچىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。