Uyghur主要词典
بۇرادەرلەر ئۇيۇشمىسى
دۇنيا تارىخى
رومىنىيىدىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات. 1843-يىلى ن. بولچېسكو، يون گىكا (1817 - 1897) ۋە خ، تېل (1807 - 1884) لارنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، فېئوداللىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. قاتناشقۇچىلىرى بۇرژۇئازىيە، لىبېرالىست پومېشچىكلار، ئۇششاق بۇرژۇئازىيە، ئىشلەمچى ۋە قۇل دېھقانلاردىن ئىبارەت. 1848-يىلدىكى رومىنىيە ئىنقىلاىبىنىڭ ئىدىيىۋى ۋە تەشكىلىي تەييارلىقلىرى جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان. رەھبەرلىك كومىتېتىغا قاتناشقان. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىنەز ستۇردزا تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. ئامان قالغان ئاز ساندىكى كىشىلەر چەت ئەللەردە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بارغان.