Uyghur主要词典
بۇرادەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن.
«دوست» نىڭ دائىرىسى كەڭ، شەخسلەر ئارا بولۇپلا قالماستىن، باشقا جەھەتلەردىمۇ بولىدۇ.
«دوست»، «ئاداش» بىر جىنسكە خاس، ئىككى جىنس ئارا بىر - بىرىگە دېيىلمەيدۇ. «بولماق» بىلەن پېئىللىشىدۇ.
«بۇرادەر»، «ئاغىنە»، «ئۆڭگە» ئەر -
مىڭ دوست ئاز، بىر دۈشمەن كۆپ. دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دورۇس بولسۇن. ئاداش، ئاداش بولايلى، بىر نېمە تاپساق تەڭ يەيلى. بۇرادىرىڭ ساپ بولسا، تاشلىقتا ئات بولسا. ئاغىنە ساق بولسا، قۇلۇڭ كۆيمەس. مىلىڭ مىڭغا يەتكۈچە، ئۆڭگەڭ مىڭغا يەتسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئاكا - ئۇكا. ئاغا - ئىنىلەردەك يېقىن دوست؛ ئاغىنە، يولداش.
بىر كۈنى <ئىتتىپاق> ژۇرنىلىغا بىر بۇرادەر مەسەل يېزىپ كەپتۇ.