Uyghur主要词典
بۇغداي
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇغداي.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بۇغداي قاتىندا سارقاچ سۇۋالۇر . ئۇيغۇرچە، 1 - توم 593 - بەتكە قاراڭ( _ بۇغداينىڭ باھانىسىدا قارىمۇق سۇ ئىچىپتۇ، يەنى بۇغداينىڭ دۆلىتى ۋە بەرىكىتى تۈپەيلىدىن قارىمۇقمۇ سۇغىرىلىدۇ. بۇ ماقال بىر كىم بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ياخشىلىققا ئېرىشكەن كىشىگە قارىتىپ ئېيتىلىدۇ. بارسغانلىقلار « بۇدغاي» دەيدۇ. «مەن بارسغانلىق ئەمەس» دېگەن كىشى مۇشۇ سۆز بىلەن سىنىلىدۇ.
3 - 330
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئارپا باشقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
غولى تىك ئۆسىدۇ، غولىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك، يوپۇرمىقى كەڭ تاسمىسىمان كېلىدۇ؛ دېنى ئېللىپس شەكلىدە بولۇپ، قورساق تەرىپىدە
ئېرىقچىسى بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ دېنى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، خاماندا تېپىپ دېنىنى ئايرىپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
بەدەننى سەمرىتىش، چىراينى پارقىرىتىش، ماددىلارنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇغداي ئۇنىنى بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئاتلا ئېتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك يۆتەل، دەم سىقىلىش، ئومۇمىي
بەدەن ئاجىزلىقى، داغ ۋە سەپكۈنگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام بۇغداينى سەككىز گرام چاكاندا يىلتىزى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆزلۈكىدىن تەرلەش ۋە ئوغرى تەرگە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
بۇغدايدىن 35 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 51 گرام، خام لوڭگۇدىن 20 گرام، ئالقات يىلتىزى پوستىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە ئۆزلۈكىدىن تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى بۇغداي ئۇنىنى نەرگىس گۈلى ۋە ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، تىكەن ۋە ۋاشاق ئوقىنى )
ئوقيا ئوقىنى( چىقىرىپ، پەيلەردىكى ئىششىقلارنى تارقىتىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
بۇغداي ئىنسانلار ئەڭ بالدۇر تېرىپ ئۆستۈرگەن ئاشلىق زىرائىتىدۇر. قەدىمكى مىسىرنىڭ تاش ئويمىلىرىدا بۇغداي تېرىپ ئۆستۈرۈش خاتىرىلەنگەن. كىشىلەر قەدىمكى مىسىر پىرامىدا )ئېھرام(سىنىڭ تاش يوچۇقلىرىدىن بۇغداي دانلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئارخېئولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، تەخمىنەن10 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا غار - ئۆڭكۈرلەردە ياشاۋاتقان ئىنسانلار ياۋا بۇغداينى يېمەكلىك قىلىشقا باشلىغانىكەن.
بۇغداي تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، باشاقلىقلار ئائىلىسىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە، يەنى يوپۇرماق تومۇرلىرى پاراللېل، غولى كاۋاك ھەم بوغۇملۇق، باشاقسىمان گۈل رېتى بولۇپ، ھەربىر كىچىك گۈلدە گۈل تاجى ياپراقچىسى بولمايدۇ، ئەمما قاسىراقچىسى بولىدۇ. بۇغداي ۋە شالغا ئوخشاش گۈلىدە مانا مۇشۇنداق قاسىراقچىسى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاسىراق گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇغداينىڭ قاسىراقچىسىدا قىلتىرىقى بولۇپ، بۇ بۇغداي سورتلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ئاساسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تېرىش ۋە ھوسۇلىنى يىغىش پەسىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئېلىمىزدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدىغان بۇغدايلار ئىككى خىل فىزىئولوگىيىلىك تىپقا بۆلۈنىدۇ: بىرى، قىشلايدىغان كۈزلۈك بۇغداي؛ يەنە بىرى، بىر يىللىق يازلىق بۇغدايدىن ئىبارەت. كۈزلۈك بۇغداي ئادەتتە مۆتىدىل بەلۋاغ رايونلىرىدا9 - ئاينىڭ ئاخىرى ياكى10 - ئاينىڭ باشلىرىدا تېرىلىپ، ئىككىنچى يىلى4 - ۋە5 - ئايلاردا يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇ ئاساسەن چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى بىلەن شىمالىي جۇڭگونىڭ قىسمەن رايونلىرىغا كۆپرەك تارقالغان. يازلىق بۇغداي ئادەتتە3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى تېرىلىپ، شۇ يىلى يىغىۋېلىنىدۇ. ئۇنىڭ ۋېگېتاتىۋ ئۆسۈش دەۋرى بىرقەدەر قىسقا بولۇپ، ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل، شەرقىي شىمال ۋە غەربىي شىمالدىكى بىرقەدەر سوغۇق رايونلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
پۈتۈن يەر شارىدىكى بۇغداي تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىلىدىغان يەرلەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى ئىچىدىكى ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، مەھسۇلات مىقدارىمۇ شالنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىدىن قېلىشمايدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى3 /1 قىسىم ئاھالە بۇغداينى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك ياكى تۈۋىدە پورى بولىدۇ، تۈپلىنىدۇ. يۇپۇرمىقى تۆمۈنە شەكىللىك بولىدۇ. مۇرەككەپ باشاقسىمان گۈل رېتىنىڭ ئالدى كەڭ، يان تەرىپى تار بولىدۇ، قىلتىرىقى بولىدۇ ياكى بولمايدۇ؛ كىچىك باشىقى ئىچىدە 3 - 9 دانە كىچىك گۈلى بولىدۇ، يۇقىرى تەرىپىدىكى كىچىك گۈللەر ئادەتتە مېۋە بەرمەيدۇ؛ ئورىغۇچى تەڭگىچىسى جۈپلىشىدۇ، سىرتقى قاسىرىقىدىن قىسقا بولۇپ 5 - 9 تال تومۇر، ئۈستى تەرىپىدە يۇقىرى بولىدۇ، سىرتقى قاسىرىقى قېلىن بولۇپ، ئىچكى قاسىرىقى بىلەن تەڭ ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. قىرىدا ئازراق قاتتىق تار قانىتى بولىدۇ. بۇغداي دانىسى قاسرىقىدىن ئاسان ئاجرايدۇ. ئۇچىدا تۈكچىلىرى بولىدۇ. بۇغداي پۈتۈن يەر شارىدا كەڭ كۆلەمدە تېرىلىدۇ، شۇنداقلا شىمالىي جۇڭگونىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى. بۇغداي ئۇرۇقدىشىدا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىدىن تەخمىنەن يەتتە تۈر بار، بىراق بەزى ئالىملار ئۇلارنى بۇغداينىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سورتى ئىنتايىن كۆپ. بۇغداي تەركىبىدە B تۈردىكى ۋىتامىنلار بولغاچقا، ھەزىم قىلدۇرغۇچى ۋە بېرى - بېرى كېسەللىكىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇغداي كېپىكىدىن تەم جەۋھىرى ياسىىدۇ ۋە ئۆي ھاۋانلىرى بېقىلىدۇ؛ بۇغداي غولى قەغەز ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
بۇغداي - قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردا قوللىنىلغان ئەڭ كىچىك ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى. بۇ ئۆلچەم <تارىخى رەشىدى> دە تىلغا ئېلىنىدۇ. تۈركچە <ئوكيانۇس> تا: <بىر بۇغداي 0532.0 گرامغا تەڭ بولىدۇ> دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. تېرىش ۋاقتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ يازغى بۇغداي، كۈزگى بۇغداي دەپ ئايرىلىدۇ.
مۇشۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى.