Uyghur主要词典
بۇشې دې پېرتېس
دۇنيا تارىخى
(1788 - 1886) فرانسىيلىك ئارخېئولوگ. ئۇ ئىپتىدائىي ئادەملەر ياسىغان ئاددىي تاش پالتىلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن قەدىمكى پىل قاتارلىق ھايۋانلار بىلەن بىر دەۋردە مەۋجۇت بولغانلىقىنى بىرىنچى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق قەدىمكى ئىنسانشۇناسلىق ۋە كونا تاش قوراللار دەۋرى ئارخېئولوگىيىسى تەتقىقاتىغا ئىلمىي ئاساس ئورناتقان. بۇ خىل قاراش شۇ دەۋردىكى تەدرىجىي تەرەققىياتنى ئىنكار قىلىدىغان پىكىرلەر بىلەن تۈپتىن قارىمۇقارشى بولۇپ، پەقەت دارۋىنچىلىق تەلىماتى تارقالغاندىن كېيىنلا ئاندىن كىشىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان، ئۇنىڭ <ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات> دېگەن ئەسىرى بار.