Uyghur主要词典
بۈۋى مەريەم
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان شەخس. «قۇرئان كەرىم» نىڭ 3 - ۋە 19 - سۈرىلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەريەم ئىمراننىڭ قىزى، ھارۇننىڭ سىڭلىسىدۇر. كىچىكىدە ئۇنى زەكەرىيا باقتى. چوڭ بولغاندا ئاللانىڭ «ۋۇجۇدقا كەل» دېيىشى بىلەن مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، ئىيسانى تۇغدى. ئىسلام دىنى مەريەمنىڭ ئېرى بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ.