Uyghur主要词典
بۈۋى فاتىمە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(605 - ياكى 606 - 632 - ياكى 633 - )مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى، ھەزرىتى ئەلىنىڭ خوتۇنى. بۈۋى فاتىمەنى بۈۋى خەدىچە مەككىدە تۇغدى. ئۇ دادىسى بىلەن بىللە مەككىنى فەتھى قىلدى، ھەججەتۇل ۋىداغا قاتناشتى. دادىسىنىڭ مېيىتىنى ھەزرىتى ئەلى بىلەن بىللە ئۇزاتتى. شىئە مەزھىپىدىكىلەر بۈۋى فاتىمەنى <ھەزرىتى ئانا> دەپ تەرىپلەيدۇ. ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولدى. چوڭ ئوغلى ھەسەن، ئوتتۇرانچى ئوغلى ھۈسەين بولۇپ، ئوتتۇرانچى ئوغلى ھۈسەين بولۇپ، ئۈچىنچى ئوغلى ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ نەۋرە - چەۋرىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسامنىڭ ئەۋلادلىرى ھېسابلىنىپ، سەييىد ياكى شەرىف دەپ ئاتالدى. دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئالتە ئايدىن كېيىن، بۈۋى فاتىمە مەدىنىدە ئالەمدىن ئۆتتى. Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرى شىئە مەزھىپى شىمالىي ئافرىقىدا ئۇنىڭ نامىدا فاتىمىيەلەر سۇلالىسى قۇردى.