Uyghur主要词典
بۈۋى ھەجەر
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئەرەبلەرنىڭ رىۋايەتلىرىدىكى شەخس، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى، ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىدۇر. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوغلى بىلەن قاقاس چۆلگە تاشلىۋېتىلگەن بۈۋى ھەجەر سۇ ئىزلەپ سەفا تېغى بىلەن مەرۋە تېغى ئوتتۇرىسىدا يەتتە قېتىم ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا مېڭىپ سۇ تاپالمىدى. ئۇسساپ كەتكەن ئىسمائىل يەرنى تېپىچەكلەپ يىغلايتتى. بالىنىڭ تاپىنى ئاستىدىكى شىغىللارئارىسىدىن بۇلدۇقلاپ سۇ چىقتى. مانا بۇ، بۈگۈنكى «زەمزەم بۇلىقى» بولۇپ، ئۇلار تۇرغان جاي تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ مەككە بولدى. كېيىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى بىلەن مەككىدىكى كەبىنى بىنا قىلدى. ئەرەب قەبىلىلىرى ئەجدادىنىڭ سۈننىتىنى ئەستە تۇتۇش ئۈچۈن كەبىنى تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جاي قىلىپ بېكىتتى ھەمدە سەفا تېغى بىلەن مەرۋە تېغى ئوتتۇرىسىدا يەتتە قېتىم مېڭىشنى ھەج پائالىيىتىدىكى دىنىي قائىدىلەرنىڭ بىرى قىلدى. ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ئەرەبلەرنىڭ بۇ قائىدىسى داۋاملاشتۇرۇلدى.