Uyghur主要词典
بىرىنچى مارت ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
چاۋشىيەن خەلقىنىڭ ياپون مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ، مىللىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان چاۋشيەن ئوقۇغۇچىلىرى ۋە چەت ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەن مىللەتپەرۋەرلەر دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تەشۋىق قىلىپ تۇرغان ھەمدە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىكىر ئېقىمىنى مەملىكەت ئىچكى ئېلىپ كىرگەن. 1919- يىلىنىڭ باشلىرىدا، ياپون دائىرىلىرى چاۋشىيەننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پادىشاھى گۋ زۇڭنى ئۆلتۈرۈۋەتتتى دېگەن گەپ تارقالغانلىقتىن، پۈتۈن خەلقنىڭ غەزىپى قوزغالغان. شۇنىڭ بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ، 3-ئاينىڭ 3-كۈنى گاۋ زۇڭنىڭ دۆلەت دەپىنىسىدىن نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان. سۈن بىڭشى قاتارلىق رەھبەرلەر نامايىش يىغىنىنى چاقىرىپ، <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى ئېلان قىلماقچى بولغان. بىراق ئوچۇق - ئاشكارا چىقىپ رەھبەرلىك قىلىقا جۈرئەت قىلالمىغان، نەتىجىدە قولغا ئېلىنغان. كەڭ ئامما 3-ئاينىڭ 1-كۈنى سېئولدىكى تادۇڭ باغچىسىدا ئوقۇغۇچى ۋە شەھەر ئاھالىسى بولۇپ 20 مىڭ كىشى قاتناشقان چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈپ، <مۇستەقىللىك خىتابنامىسى> نى ئوقۇغان ۋە شوئار توۋلىغان. يىغىندىن كېيىن نامايىش قىلغان، بۇنىڭغا سېئولدىن 300 مىڭ شەھەر ئاھالىسى قاتناشقان ھەمدە ئۇلار باستۇرغىلى كەلگەن ياپون ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرى بىلەن قەيسىرانە ئېلىشقان. بۇ ھەرىكەت تېزدىنلا پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان. 3-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، 4-ئايغىچە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. گاۋاي، جۇڭگو قاتارلىق جايلادىكى مۇھاجىرلارمۇ مۇستەقىللىك كۈرىشىگە پائال قاتناشقان. ياپون دائىرلىرى ئۇنى ۋەشىيلىك بىلەن باستۇرغان. يۇقىرى تەبىقىدىكى بىر قىسىم رەھبىرىي زاتلار چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. شاڭخەيدە <كورىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى> تەشكىللەپ ھەمدە پارىژ تىنچلىق يىغىنىغا مۇستەقىل بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان. بۇ قېتىمقى كۈرەش رەھبەرلىكىنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىقى، كۈچ جەھەتتىكى پەرقنىڭ بەك چوڭ بولغانلىقىدىن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ چاۋشيەن مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىديىسىنى كۈچەيتىپ، ئىنقىلابىي ئاممىنى چېنىقتۇرغان ھەمدە پرولېتارىيات رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇشقا باشلىغان.