Uyghur主要词典
بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى
دۇنيا تارىخى
ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى <كۆچمە قەبىلىلەرنىڭ قالغان ياۋايى ئادەملەر توپىدىن ئايرىلىپ چىقىشى> (<ماركس - ئېنگلېس ئەسەرلىرىدىن تاللانما> 4-توم، خەلق نەشرىياتى 1972-يىل خەنزۇچە نەشرىنىڭ 156-بېتى) نى كۆرسىتىد. ياۋايىلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىن باشلاپ، ئىنسانىيەت برونزا قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىلەن ئىلىتىلىدىغان دەۋرگە قەدەم قويغان، ئىپتىدائىي تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھەرقايسى جايلاردىكى قەبىلىلەر شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، بەزىلىرى چارۋىچىلىقنى، بەزىلىرى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان. ئوتتۇا ئاسىيا، ئىران، كاپكاز، ئەرەبىستان قاتارلىق ئوتلاقلىق جايلاردىكى بەزى قەبىلىلەر پەيدىنپەي چارۋا توپلىرىنى باقىدىغان ۋە ئوتلىتىدىغان كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرگە ئايلىنىپ كەتكەن؛ ئۇلار ئادەتتىكى قەبىلىلەردىن ھەممىدىن ئاۋۋال ئايرىلىپ چىققان ،دەپ قارىلىدۇ. ئامېرىكا، شەرقىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا (بەزى رايونلىرى) دىكى بەزى قەبىلىلەر ئايلىنپ كەتكەن؛ ئۇلار ئادەتتىكى قەبىلىلەردىن ھەممىدىن ئاۋۋال ئايرىلىپ چىققان، دەپ قارىلىدۇ. ئامېرىكا، شەرقىي ئاسىي،ا غەربىي ئاسىيا (بەزىر رايونلىرى) دېىكى بەزى قەبىلىلەر پەيدىنپەي دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەبىلىلەرەە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن تارىختىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتى ئورۇندالغان . كۆچمەن قەبىلىلەر ئىشلەپ چىقارغان گۆش، سۈت، تېرە قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ، ئېشىنچە مەھسۇلات بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانچىلىق قەبىلىلىرى بىلەن چارۋىچىلىق قەبىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئۆزئارا بار - يوقنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن دائىملىق ئالماشتۇرۇش رېئاللىققا ئايلانغان. چارۋا ئالماشتۇرۇش ئوبيېكتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇنلىغان جايلاردا ئادەتتىكى تەڭ قىممەتلىك بۇيۇم سۈپىتىدە پۇلنىڭ فۇنكسىيىسىگە ئىگە بولغان. شۇنداق قىلىپ، <بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىمائىي چوڭ ئىش تەقسىماتىدا، بىرىنچى قېتىمىلق ئىجتىمائىي چوڭ بۆلۈنۈش بارلىققا كەلگەن، يەنى خوجايىن بىلەن قۇل، ئېكسپىلاتاسىيە قىلۇچى بىلەن ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنغۇچىدىن ئىبارەت ئىككى سىنىپقا بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن.> (<ماركس، ئېنگېلس تاللانما ئەسەرلىرى> 4-توم، خەلق نەشرىياتى 1972 - يىل خەنزۇچە نەشرىنىڭ 157-بېتى). چارۋىچىلىق ئىگىلىكتە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكتىن، چارۋىچىلىقنىڭ ئىگىسى بولغان. ئەرلەر جەمئىيەتتە ۋە ئائىلىدە ئاياللاrنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن، ماترىئارخاللىق تۈزۈمى ئاخىرى ماترىئاخاللىق تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالغان. ئەمما بەزى ئالىملار يېقىنقى 100 يىللىق ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ شەكىللىنىشى برۇنزا قوراللار ئىشلىتىلگەن، ئات كۆنۈرۈلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن، دېھقانچىلىق قەبىلىلىرىنىڭ شەكللىنىشى برۇنزا قوراللار ئىشلىتىلگەن، ئات كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن يۈز بەرگەن، دېھقانچىلىق قەبىلىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىن خېلىلا ئارقىدا، دەپ قارايدۇ ۋە شۇڭا ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق قەبىلىلىرىنىڭ قالغان چارۋىچىلىق قەبىلىلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى ۋە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنىڭ ئىلغار قەبىلىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈشنى بىرىنچى قېتىملىق ئىجتىامئىي چوڭ ئىش تەقسىماتى دەپ بېكىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.