Uyghur主要词典
بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقارماق
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقارماق»قەتئىي بىرلەشمەك، مۇستەھكەم ئۇيۇشماق، چىڭ ئىتتىپاقلاشماق؛ بىرنىيەت بىر مەقسەتتە ئىش قىلماق: - كۆپچىلىك بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ، بەلنى باغلايدىغان بولساق، چىققىلى بولمايدىغان تاغ، ئۆتكىلى بولمايدىغان دەريا يوق.