Uyghur主要词典
بىرلەشكەن ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيا تارىخىدۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى بۇرژۇئازىيە جۇمھۇرىيىتى. نېدىرلاندىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە، نېدىرلاندىيىنىڭ شىمالىي يەتتە ئۆلكىسى بىلەن جەنۇبتىكى بىر قىسىم شەھەرلىرى 1579-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇترىچىت ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. 1581-يىلى، شىمالدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىن تەركىب تاپقانئ ۈچ تەبىقە يىغىنى ئىسپانىيە كورۇلى فېلىپⅡنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بىرلەشمە ئۆلكىلەر جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقنى ئېلان قىلغان، گوللاندىيە ئۆلكىسىنىڭ بىرلەشمە ئۆلكىلەر ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئورنى ئەڭ مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جۇمھۇرىيەت گوللاندىيە جۇمھۇرىيىتى، قىسقارتىپ گوللاندىيە دەپ ئاتالغان. ئىسپانىيە 1609-يلى گوللادىيە بىلەن <ئون ئىككى يىللىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى>نى ئىمزالاپ، گوللاندىيەنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئەمەلىيەتتە ئېتىراپ قىلغان. ⅩⅧـⅩⅦئەسىرلەردە، گوللاندىيەدە كاپىتالىستىك سوداسانائەت، دېڭىز ترانسپورتى تېز تەرەققى قىلغان ھەمدە ھېندۇنېزىيە، يېڭى ئامىستىردام(ھازىرقى نيۇيورك)، برازىلىيە، ئۈمىت تۇمشۇقى قاتارلىق جايلاردا مۇستەملىكە بەرپا قىلىپ، دۇنيا بويىچە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان. 1795-يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1806-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىق دۆلەتكە ئايلانغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。