Uyghur主要词典
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كاتىباتلار باشقارمىسى
领域: خەلقئارا تەشكىلاتلاركاتىباتلار باشقارمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرىنىڭ مەمۇرىي كاتىبات ئىشلىرى ئورگىنى بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئاپپاراتلىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىدۇ.
كاتىباتلار باشقارمىسىدا بىر نەپەر باش كاتىپ، بىرقانچە نەپەر مۇئاۋىن باش كاتىپ، ياردەمچى كاتىپ تەسىس قىلىنغان. باش كاتىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەمۇرىي ئەمەلدارى بولۇپ، ئۇنى خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۆرسىتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. ھەر قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئالتە باش كاتىپ ۋەزىپە ئۆتىدى. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان باش كاتىپ ئەننان بولۇپ، ئۇ گانا جۇمھۇرىيىتىدىن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەڭ پائالىيەتچان، ئەڭ ئالدىراش نوپۇزلۇق شەخس.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。