Uyghur主要词典
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
领域: دۇنيا تارىخىقىسقارتىپ <ب د ت > دەپ ئاتىلىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان خەلقئارالىق تەشكىلات. 1945-يىلى 6-ئايدىكى سان فرانسېسكو يىغىنىدا ئىمزالانغان <بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي نىزامى>غا ئاساسەن، شۇيىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئاساسىي نىزامغا ئىمزا قويۇشقا قاتناشقان 51 دۆلەت ب د ت نىڭ ئاساس سالغۇچى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دىكى قانۇنىي ھوقۇقى پەقەت 1971-يىلى 10-ئايغا كەلگەندىلا، ئاندىن ئەسلىگە كەلگەن. ئاساسىي نىزامدا ب د ت نىڭ مەقسىتى <خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش>، <تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى چەكلەش>، <خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش> ۋەھاكازالاردىن ئىبارەت دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ب د ت ۋە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پرىنسىپلار مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ھەرقايسى ئەللەر ئىگىلىك ھوقوقتا بارەۋەر بولۇش؛ خەلقئارالىق تالاش تارتىشلارنى تىنچلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىش؛ باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكى ياكى سىياسىي مۇستەملىكىگە تەھدىت سېلىش ياكى قورال كۈچى، ياكى ب د ت نىڭ مەقسىتىگە خىلاپ باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق دەخلى ـ تەرۇز قىلماسلىقى؛ ب د ت ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ماھىيەت جەھەتتە دۆلەت ئىچكى تەۋەلىكىگە مەنسۇپ بولغان ئشلىرىغا ئارىلاشماسلىق. ب د ت غا كىرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆرسىتىشىدىن ئۆتسە ھەمدە چوڭ يىغىندا ئۈچتىن ئىككى قىسىم كۆپچىلىك قوشۇلسا، ئەزا دۆلەت بولالايدۇ. 1983-يىلىغا قەدەر ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى 158 گە يەتكەن. ب د ت دا چوڭ يىغىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كېڭەش، ۋەكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشى، خەلقئارا سوت ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىبارەت ئالتە مۇھىم ئورگان بار. كاتىبات باشقارمىسىدا بىر نەپەر باش كاتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ب د ت نىڭ ئاساسىي مەمۇرىي مەسئۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باش شتاب نيۇيۇركتا تەسىس قىلىنغان. جەنۋەدە ياۋرۇپا ئىش بىجىرىش باشقارمىسى بار. ھەرقايسى ئاپپاراتلارنىڭ يىغىنلىرى ئادەتتە باش شتابتا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئەمما ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى بويىچە باشقا جايدا ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، 1945 - يىلى قۇرۇلغان خەلقئارا تەشكىلات، قىسقارتىلىپ <ب د ت> دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ نيو - يورك شەھىرىدە، ئۇنىڭ مەقسىتى خەلقئارا دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش؛ ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。