Uyghur主要词典
بوۋاق ئەركىنلىك پەرمانى
دۇنيا تارىخى
يەنى <رىئو برانكو پەرمانى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. برازىلىيىدىكى نېگرى قۇللۇق تۈزۈمىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى ئەمىر - پەرمانلارنىڭ بىرى. 1871-يىلى برازىلىيىدىكى قۇللۇقنى بىكار قىلىش تەرەپدارى رىئو برانكو (1845 - 1912) تۈزگەن ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن. پەرماندا، مەزكۇر پەرمان ماقۇللانغان كۈنىدىن ئېتىبارەن، نېگىر قۇل ئانىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلار بىردەك ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ. لېكىن ئۇلار 21 ياشقا كىرگۈچە يەنىلا ئاتا - ئانىلىرى قارشلىق قۇلدارلىرىنىڭ <ھامىيلىقى> دا بولىدۇ ھەمدە مەزكۇر قۇلدارلاررنىڭ ئەمگىكىنى قىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مەزكۇر پەرمان قۇللۇق تۈزۈمنى يوقىتالمىغان، نېگىر قۇللارنىڭ ئەھۋلى شۇنىڭلىق بىلەن ئۆزگىرىپمۇ كەتمىگەن.