Uyghur主要词典
بوۋاقلىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بوۋاق بالىسى بار.
توي قىلىپ بىر يىلدىلا بوۋاقلىق بولۇپ قاپسىلەر.
ئى. يېڭى تۇغۇلغان، ئېمىدىغان دەۋر.
بوۋاقلىقىمدا تاغاملارنىڭ يېنىدا تۇرغانىكەنمەن.
ئى. بوۋاقلارغا خاس ھەرىكەت، قىلىق.
بوۋاقلىقىڭنى تاشلا!