Uyghur主要词典
بونىفاسىئوس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1235 - 1303) رىم پاپاسى (1294 - 1303). ئەسلى ئىسمى كائېتانى. 1281-يىلى كاردىنال بولغان. پاپا بولغان مەزگىلدە، ئىسلاھىي ھاكىمىيەت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، پاپانىڭ دۇنياغا بولغان ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان. 1296-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپپى Ⅳ فرانسىيىدىكى مىسسىئونېرلاردىن باج ئېلىشنى قارار قىلغان، ئۇنىڭ بۇ تەدبىر پاپانىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىگە تەسىر يەتكۈزگەنىدى. بونىفاسىئۇس شۇ ھامان پاپانىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق دۆلەتنىڭ مىسسىئۇنېرلىرى دەھرىي دائىرىلەرگە باج تاپشۇرماسلىق توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. فىلىپپى بولسا پۇلنىڭ چەتكە چىقىرلىشىنى مەنئى قىلىش، پاپانىڭ ئەلچىسىنى قولغا ئېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە 1302-يىلى ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشى چاقىرىپ پاپانى سوتلىغان. بونىفاسىئۇس فرانسىيە كورۇلىنىڭ دىنىي تەۋەلىكىنى ئېلىپ تاشلىماقچى بولغاندا، ئاناگىندا ئۇشتۇمتۇت فرانسىيە كورۇلىنىڭ ئەلچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئۈچ كۈن قامالغان قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن رىمغا قايتىپ بېرىپ، ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.