Uyghur主要词典
بوسۇغىسى ئېگىز
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، باشقىلار ئۆيىگە ئەيمىنىپ كىرەلمەيدىغان، ھالى چوڭ، ئۆزىنى باشقىلاردىن يۇقىرى تۇتىدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان ئىبارە: - كىرەلمەيمىز، دېگىنە، - دېدى ئۇ دوستى ئۆمەرگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ھالى چوڭ، ئۆزىنى باشقىلاردىن يۇقىرى تۇتىدىغان.
- ئۇلارنىڭ بوسۇغىسى ئېگىز، بىز كىرەلمەيمىز دېگىنە، - دېدى ئىسمائىل غەمكىن ئولتۇرغان دوستى ئىبراھىمغا.