Uyghur主要词典
بوشاتماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىلەرنى بوش، ئەركىن قىلماق.
باغلىماق، تۈگمەك، چىگمەك، تاڭماق
ئادەم، ھايۋان ۋە نەرسىنى يىپ، ئارغامچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار بىلەن چاتماق، قاچالماس، چېچىلماس قىلىپ قويماق.
بوينىدىن باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس. غۇلىغان تاغنى ئارغامچىدا باغلىغىلى بولماس. ئۆزۈڭ تۈگكەن تۈگۈننى ئۆزۈڭ يەش. باغلىماق ئاسان، يەشمەك تەس. ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي، تىرىك بولسا يارىسىنى. چىگكەن چىگىشنى يەشمەك قىيىن. باغلاقلىق قويلارنى بوشىتىۋەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مەھبۇسنى تۈرمىدىن ئازاد قىلماق؛ مال - چارۋىنى ئېغىلدىن ھەيدىمەك.
قامىماق، سولىماق
ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىپ، تۈرمىگە تاشلىماق؛ مال - چارۋىنى ئېغىلغا كىرگۈزمەك.
<قاتتىق زەربە بېرىش> تە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى قامىدى. ھامۇت مالنى ئېغىلغا سولىدى. قاماق مۇددىتى توشقانلارنى بوشىتىش لازىم. گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇۋېتىش لازىم. قويلارنى ئېغىلدىن چىقىرىپ، ئوتلاققا قويۇۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<بوشىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئۆي بوشاتماق. قولىنى بوشاتماق.