Uyghur主要词典
بوش
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
قۇرۇق، بىكار.
بوش ئۆي، بوش يەر، بوش ۋاقىت. * بوش تاغار ئۆرە تۇرماس (ماقال). * موللىنىڭ قارنى بەش، بىرى ھەمىشە بوش (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
ئاجىز، زەئىپ، يۇمشاق، بوشاڭ، كۈچسىز.
بوش يىپ، كەيپى بوش، بوش ئاۋاز، ئاغزى بوش. * بېلى بوشنىڭ گېپى بوش (ماقال).
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاسان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈزۈلۈشى ۋە ياسىلىشى جەھەتتىن چىدامسىز.
چىڭ، قاتتىق، بەك، پۇختا، پىششىق ، مەھكەم
تۈزۈلۈشى ياكى ياسىلىشى جەھەتتىن چىداشلىق.
باش تاشتىن چىڭ ئەمەس. يەپ تۇر، بەك تۇر. ئاغزى يۇمشاق گۆش يەپتۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت. قاتتىق چىش سۇنار، يۇمشاق تىل قالار. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قاتتىقتىن چىش ئاغرىسا، يۇمشاقتىن ئىچ ئاغرىيدۇ. موللام پۇلنى دوست تۇتماس، تۇتسا بوش تۇتماس. ئۈچ ئۆرۈمە ئارغامچا پىششىق بولار. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. قوتىنىڭ مەھكەم بولسا، بۆرە كىرەلمەس. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش يوق، ئىش قىلماي يۈرۈش.
بوشقا بويۇن ئەگمە. بىكار تۇرغۇچە بىكار ئىشلە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىچىدە ھېچنېمە يوق.
لىق، توشۇق
قاچا - سۇ، سۇيۇقلۇق ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن توشقۇزۇلغان.
لىق سۇ چايقالمايدۇ. توشۇق سۇ قۇيۇشنىڭ ئورنى يوق. قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرماس. بوش خالتا پومپايماس. قۇرۇق سۇدىن كاچات ياخشى (كۆچمە). قۇرۇق ۋەدە قوڭالتاق كەش (كۆچمە). دۇنياغا كېپسەن. بوش يۈرۈپ، قۇرۇق قايتما (كۆچمە).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوش.
بوش يىلقى _ بوش يىلقا. بۇ سۆزدىن ئېلىنىپ « ئول ئىشلەر بوش» دېيىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «ئۇ خوتۇن بوش، يەنى قويۇۋېتىلگەن» دېگەن بولىدۇ. ئول قۇل بوش قىلدى _ ئۇ قۇلنى بوشاتتى. ئازات قىلدى. ئومۇمەن، « ئەركىن، ئازات» دېگەن مەنە « بوش» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: بوش نەڭگە ئىزى بولماس _ بوش (تۇرغان) نەرسىگە ئىگە بولماس. بۇ ماقال ئۆز مېلىنى ئوبدان ساقلاشقا دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 431
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوش، يۇمشاق.
بوش كىشى _ بوش (ئەركىن) كىشى. بوش ئۇراغۇت _ بوش خوتۇن، يەنى نىكاھدىن ئاجراشقان خوتۇن. بوش ئەلىك _ بوش قول، يەنى ئىشتىن ياكى بىر نەرسىدىن بوش قالغان قول. بوش ئەت _ يۇمشاق گۆش. يۇمشاق يەرگىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ. بوش ئات _ بوش (قويۇپ بېرىلگەن) ئات. بوش ئەۋ _ بوش ئۆي. ئىشلەتمەي قويۇپ قويۇلغان قاچا ۋە ئەسۋابلارغىمۇ « بوش» سۆزى ئىشلىتىلىدۇ.
3 - 172
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاسان
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەركىن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىچىدە ھېچ نەرسە يوق؛ قۇرۇق.
بوش قاچا، بوش تاغار.
ئادەم ياكى نەرسىدىن خالىي، ئىگىلەنمىگەن؛ بىكار.
بوش ئورۇندۇق. * - مۇئەللىم، بىزنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيىمىز پۈتۈنلەي بوش تۇرۇۋاتىدۇ. شۇ ئۆيگە كۆچۈپ كېلەمدىلا؟ - دېدى مېھراي مۇئەللىمگە سەمىمىي ئىلتىماس قىلىپ.
ئىش، خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولمىغان؛ ئىشتىن خالىي، بىكار.
- بالىمىز بوش ۋاقىتلىرىدا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ياساپ ئوينىسا، زېھنى ئېچىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ - دېدى سېلىم ئاكا ئايالىغا.
ئاسان ئۈزۈلۈپ، يىرتىلىپ، سونۇپ كېتىدىغان، پۇختا ئەمەس.
بوش يىپ. بوش كېسەك.
كۈچسىز، زەئىپ، ئاستا، سۇس.
بوش ئاۋاز. بوش شامال.
ياتاقنىڭ ئىشىكى بوش چېكىلدى.
كۆچمە. قاتتىق قول، تەلەپچان ئەمەس، بوشاڭ.
بوش رەھبەر. * تۇرسۇنمۇ بوش يىگىت ئەمەس، قىزلارغا قانداق كۆرۈنۈشنى بىلىدۇ.
يېتەرلىك ئەمەس، كەم.
زاھىر خەنزۇچىدا بوشراق ئىدى.
قىزغىن ئەمەس، سۇس.
دادىسى بىر - ئىككى قېتىم بوشقىنا كايىپ قويدى.